بۈگۈن قىرغاقتىكى خەلق پۇلى بازار ئېچىلغاندا %0.24 چۈشۈپ كەتتى. بۇندىن ئىلگىرى ئارىلىق باھا تاسادىپىي ھالدا چوڭ نىسبەتتە 6.5314 كىچە چۈشۈپ كېتىپ، سەيشەنبە كۈنى 16:30 دىكى يېپىلىش باھاسى 6.5199 ۋە كېچىلىك باھا 6.5157 دىن كۆرىنەرلىك ئاجىز بولدى. قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ چۈشۈپ نىسبىتى چوڭايدى، قىرغاقتىكى خەلق پۇلى بازار ئېچىلىشتىن ئىلگىرىكى چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى باھا پەرقى 1429 نۇقتىلىق رېكورت ياراتتى.
قىرغاقتىكى خەلق پۇلى سەيشەنبە كۈنى كېچىلىك تاختىدا كۈچەيدى، قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ نىيويورك سودا ۋاقىت بۆلىكىدە چۈشۈش نىسبىتى تارايدى، قىرغاقتىكى\\قارشى قىرغاقتىكى باھا پەرقى 1300 نۇقتىغا يېقىنلىشىپ، 8-ئاينىڭ 11-كۈنى خەلق پۇلىنىڭ تاسادىپى قىممىتى چۈشۈپ كەتكەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نۇقتا رېكورتىنى ياراتتى.
بازار ئەھۋالى:
بېيجىڭ ۋاقتى 9:32 دا قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى %0.21 چۈشۈپ، 6.5297 يۈەن بولدى.
خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش ئارىلىق باھاسى 145 نۇقتا ياكى %0.22 چۈشۈپ، 6.5314 يۈەن بولدى.
ئارىلىق باھاغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، بۈگۈنكى چۈشۈش يۇقىرى چېكى 6.4008، تۆۋەن چېكى 6.662.
شىياڭگاڭ ۋاقتى 9:33 دا، قارشى قىرغاق خەلق پۇلىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش ئارىلىق باھاسى %0.18 چۈشۈپ، 6.6564 يۈەن بولدى.
قىرغاقتىكى\\قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى باھا پەرقى 1267 نۇقتا بولدى.
جۇڭگو خەلق بانكىسى ھوقۇق بەرگەن جۇڭگو تاشقى پېرۋوت سودا مەركىزى 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى بانكا ئارىسىدىكى تاشقى پېرۋوت بازىرى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت نىسبىتى ئارىلىق باھاسىنى ئېلان قىلدى: بىر دوللار 6.5314 يۈەن، بىر يۈەن 7.0130 يۈەن، 100 يىن 5.4828 يۈەن، بىر شىياڭگاڭ پۇلى 0.84263 يۈەن، بىر فونىستىرلىڭ 9.5770 يۈەن، بىر ئاۋىستىرالىيە دوللىرى 4.6774 يۈەن، بىر يېڭى زىنلاندىيە دوللىرى 4.3724 يۈەن، بىر سنگاپور دوللىرى 4.5800 يۈەن، بىر شىۋىتسارىيە فرانىكى 6.4694 يۈەن، بىر كانادا دوللىرى 4.6715 يۈەن، بىر يۈەن 0.66259 رىنگىت، بىر يۈەن 11.2400 رۇبلى.
خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا قارىتا پېرۋوت نىسبىتى ئارىلىق باھاسى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 145 نۇقتا چۈشۈپ كەتتى، ئۇدا ئۈچ كۈن چۈشۈپ تۆت يېرىم يىلدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتا ياراتتى، ئالدىنقى سودا كۈنى 6.5169 نۇقتىدا يېپىلغان، ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى 6.5157 نۇقتىدا يېپىلغان.
خەلق پۇلى ئارىلىق باھاسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قارشى قىرغاق خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى تېز سۈرئەتتە تەخمىنەن 200 نۇقتا چۈشۈپ كەتتى. قىرغاقتىكى\\قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلىنىڭ پېرۋوت باھا پەرقى 1429 نۇقتىغا چوڭايدى.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved