‏Windows XP بۈگۈن بىز بىلەن خوشلىشىپATM ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش ماشىنىسى تەسىرگە ئۇچرىدى

سوۋخۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

بۈگۈن 13 ياشلىق مىكروسوفىت Windows XP رەسمىي ‹ھەربىيلىكتىن چىكىندى›،كۆك ئاسمان،ئاق بۇلۇت،يىشىل يايلاقلىق بۇ تەگلىكمۇ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالدى.

ئىگىلىنىشىچە،مىكروسوفىت بۇ سىسىتىمىنى توختاتقاندىن كىيىن،كۆپچىلىككە يىڭى تىپتىكى Windows 8.1 سىستىمىسىنى سۇنغان.

9-ئاپرىل ئەتىگەندە مىكروسوفىت ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق بىخەتەرلىك تولۇقلىمىسى تەمىنلەيدىكەن.

بۇ XP سىسىتىمىسىنىڭ يەنىلا ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ،لىكىن سىستىمىنى يىڭىلىغىلى بولمايدۇ.بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆپلىگەن تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ قىيالمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تورداشلار:خوش دىيىشكە قىيمايۋاتىمىز نۇرغۇن تورداشلار بۈگۈن مىكرو بىلوگدا ئۆزلىرىگە 13 يىل ھەمراھ بولغان بۇ سىستىمىغا قىيمىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.بىر تورداش ‹ئۆيىمىزگە 2002-يىلى كومپىيوتىر سىتىۋىلىپ مۇشۇ XP سىستىمىنى قاچىلىغانتۇق.ھازىرغىچە شۇ ئىكران تەگلىكىنى ئىشلىتىۋاتقان،ئەمدى پەقەت قىيالمىدىم ›دىدى.


 
مىكروسوفىت:XP قىرىپ كەتتى

 


ئەمەلىيەتتە،مىكروسوفىتقا نىسبەتەن 2001-يىلى چىققان بۇ سىستىما راسلا بەك قىرىپ كەتتى.مىكروسوفىت ‹13 ياشلىق بۇ سىستىما تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇلازىمەت قىلغان سىسىتىما بولۇپ،ئالاقىلىشىش تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ۋە يىڭى قاتتىق دىسكا،مەھسۇلاتلارنىڭ يىڭىلىنىشىگە ئەگىشىپ،بۇ سىستىما دەۋرنىڭ قەدىمىگە ئەگىشەلمەي قالدى،بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقالماي قالدى›دىدى.


قايسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك؟


جوڭگۇ ئالاقىلىشىش تورىنىڭ سىتاتسىكىسىغا قارىغاندا،%57 جوڭگۇلۇق ئىشلەتكۈچىلەر ھازىرچە سىستىما ئالماشتۇرمايدىكەن.كۆپچىلىكنىڭ دىيىشىچە‹ XP قىرىپ كەتتى،Win7 ئاستا،Win8 قولايسىز›ئىكەن.بۇمۇ دەل كۆپچىلىكنىڭ يەنىلا XP نى ياخشى كۆرىشىدىكى سەۋەب،يەنە بىر سەۋەبى:ئويۇن يۇمشاق دىتاللىرىنىڭ يىڭىلىنىشى ئاۋارىچىلىق،ھەم قىممەت ئىكەن.


تەسىرى:ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇچ خەتەر ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن تورخانىلار يەنىلاXP ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ،تورخانا باشلىقىنىڭ دىيىشىچە:ھازىرقى ئويۇنلار ھەممىسى مۇشۇ سىستىمىدا قاچىلانغان ئىكەن.گەرچەكىيىنچە بىخەتەرلىك مەسىلىسگە يولۇقىدىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ دىيىشىچە قوغداش دىتاللىرىنى ئىشلىتىپ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.


ئىگىلىنىشىچە،نۇرغۇن ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇچمۇ مۇشۇ سىستىمىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ،خايكىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا سەل ئاجىز بولۇپ قالىدىكەن.ئامرىكا گادىنا شىركىتىدىكى مايىك كىچىك دۇكان ۋە بازارلاردىكى پۇل ئالغۇچ تىخىمۇ چوڭ خەتەر ئىچىدە دىگەن.
بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن بازار ئاچقۇچىلار خايكىر ۋە ۋېرۇسقا قارشى تەدبىرلەرنى ئىلان قىلدى ۋە يۇمشاق دىتاللارنى ياساپ چىقتى.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋىلىڭ--- LEGLEK



خەتكۈچلەر:
09-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    Digitimes نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيجىدىيەن (TSMC) يىقىندا 2017-يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى ئايفون ئۈچۈن لايىھەلەنگەن A11 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەپچىقىرىشقا تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىغان. ئىگەللىنىشىچە، ئالما A11 نى ئىش...
07-05-2016
    يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى 18-تۈرلۈك «IPHONE» سودا ماركىسى شىنتوڭ (新通天地) تېخنىكا شىركىتىگە تەۋە دەپ كېسىم چىقاردى، بۇ تۈرلۈك ماركىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى بولسا تەقلىدىي تېرە، كالا تېرىسى، ئۆي جاھازىسى تېر...
07-05-2016
    تۈنۈگۈن 8 دىيوملۇق Galaxy Tab S3 نۇسخىلىق تاختا كومپيۇتېر دۆلەت ئىچىدە تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن بۈگۈن يەنە تور بېتىدە Galaxy Tab 4 Advanced نۇسخىلىق تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمە ئۆلچەملىرى ئاشكارىلاندى، د...
07-05-2016
    2014-يىلى، گۇگۇل ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئابونتلىرىغا قارىتا Android One تۈرىنى يولغا قويغانىدى، ئەمما ھازىرغا قەدەر، Android One تۈرى گۇگۇل ئويلىغاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىدى، باشقىچە ئېيتقاندا، ئابونتلارنىڭ An...
07-05-2016
    رېيتېر ئاگېنتلىىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇك مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنى پىلانلىغان، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مەقسىدى بولسا ھۆكۈمەتتىكى بىر...
07-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى پاي چېكى باھاسى تۈنۈگۈنكى بازاردا يەنە بىر قېتىم چۈشۈپ، يەككە باھاسى 91.85 دوللاردا توختىغان، بۇ 2014-يىلى 6-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. يىقى...
06-05-2016
    گەرچە Galaxy J تۈرىدىكى ۋە Galaxy A يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلار ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك بازارلاردا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو بازىرىدا ئەھۋال بۇنداق ئەمەس، سامسۇڭنىڭ شىياۋمى ۋە مېيزۇ شىركەتلىرىنىڭ م...
06-05-2016
    چەت ئەل تارتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر ئالاقە تورى فىنلاندىيەلىك 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ تور سېستىمىسىدىكى نۇقساننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بەرگەن.  &...
06-05-2016
    جۇڭگو نۇسخىسىدىكى HTC 10 يەنى LifeStyle سىنەپدراگون 652 نى ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكەندىن كېيىن كۆپلىگەن تەنقىدكە ئۇچرىدى، چەتئەللىك تورداشلارمۇ بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلدى، بۈگۈن كۆپلىگەن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى...
06-05-2016
    جۇڭگو ئاۋازى «مەركىزى رادىيو ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو-فىرانسىيە يادرو بىرىكىش رېئاكسىيەسى ھەمكارلىق ھەپتىلىكى بۇ ھەپتە ئەنخۇينىڭ خېفېي شەھىرىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى پىلازما فىز...
Powered by Leglek