شىركىتىمىز تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەندىكى تارماقلارغا خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدۇ.
1. بازار ئاچقۇچى خادىم، ئىككى نەپەر
شەرت: مۇناسىۋەتلىك كەسىپتە ئوقۇغان ياكى تەجرىبىسى بار، سۆزگە ئۇستا، ئىنكاسى تېز، مۇناسىۋەتكە ماھىر، ئەخلاقلىق، سەمىمىي بولسا بولىدۇ.
2. تەكشىلىكتە لايىھىلىگۈچى ، ئۈچ نەپەر
شەرت: Photoshop قاتارلىق تەكشىلىكتە لايىھىلەش قوراللىرىنى پىششىق ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى، رەڭ تۇيغۇسى ياخشى، يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي بولۇشى كېرەك.
3. مەزمۇن تەھرىرى ، ئىككى نەپەر
شەرت: ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىغا پىششىق، ئىملاسى توغرا، مەلۇم يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش قوراللىرىدىن Office نى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.
4. تور بېكەت ئىنژېنېرى، ئىككى نەپەر
شەرت: PHP/CSS/HTML ياكى JAVA غا پىششىق بولۇشى، مۇستەقىل توربېكەت پروگراممىسى يازالايدىغان بولۇشى كېرەك.
5. سالون باشقۇرغۇچى، بىر نەپەر
شەرت: مەلۇم ئاخبارات سەزگۈرلۈكىگە ئىگە بولۇشى، مەزمۇن يىغالايدىغان بولۇشى كېرەك.
6. مال توشۇغۇچى، بەش نەپەر
7. ئىسكالات باشقۇرغۇچى، بىر نەپەر
شەرت: كومپيۇتېر سەۋىيىسى ياخشى، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئىككى خىل تىلدا سۆزلىشەلەيدىغان ۋە يازالايدىغان بولۇشى لازىم.
ئەگەر سىزدە ئىقتىدار بولسا، بىزدە ئىقتىدارىڭىزنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە بار.
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇسالام ئابدۇقەييۇم
تېلفون: 13379781333
0991-8555159
شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى شىمالىي 4-كوچا 13-نومۇر (915-،920-، 21-، 308- يول ئابتۇبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ دىھقانچىلىق بازىرى بىكىتىدە چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ).
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved