قانۇن -تۈزۈم تورىنىڭ ئۇچۇرى لەگلەك تورى تەرجىمسى ، نەچچە كۈن ئىلگىرى جىياڭسۇ ئۆلكىسى كۈنشەن شەھرىدىكى بىر ئەر ئايالىنىڭ ئۆزىنى بەك قاتتىق باشقۇرۋالغانلىقىغا نارازى بۇلۇپ ئارقا- ئارقىدىن كۈتۈلمىگەن ھادىسە سۇغۇرتىسىدىن 16 تۈرلۈكنى سېتۋېلىپ ئايالىنى قەستلەپ ‹‹كۈتۈلمىگەندە ››ئۆلۈپ كەتكەن قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان . بىراق ئەڭ ئاخىردا كۆپ يىللىق ئەر-خوتۇنچىلىق ھىسسىياتى ئۇنى قول سالغىلى قويمىغان .
جاڭ فامىللىك بىلەن دۇ فامىللىك توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغان بۇلۇپ بىر قىزى بار ئىكەن. ئادەتتە ئايالى دۇ فامىللىك جاڭ فامىللىكنى بەك قاتتىق باشقۇرۇپ تۇرۋالدىغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جاڭ فامىللىكنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ پات-پات ئۇنى تىللايدىغانلىقى جاڭ فامىللىكنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلغان ، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ تېلېۋىزوردىن بىر فىلىمدە ئۆمۈر سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئادەمنىڭ ئەگەر ئۆلۈپ كەتسە بەلگىلىك پۇلغا ئېرشىدىغانلىقنى كۆرۈپ كۆڭلىدە ئايالىغا قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرۈپ كۈتۈلمىگەندە ئۆلۈپ كەتكەن مەنزىرە پەيدا قىلىشنى ئويلىغان.
2013-يىلى 9-ئايدا جاڭ فامىللىك ئارقا-ئارقىدىن ئايالىغا ھەر تۈرلۈك ئۆمۈر سۇغۇرتىسى سېتۋېلىشقا باشلىغان ، يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇ سېتۋالغان سۇغۇرتىنىڭ سانى 16 تۈرگە يەتكەن بۇلۇپ كاپالەتنامە پۇلى 2مىليون يۈئەنگە يەتكەن.
ھەش-پەش دىگۈچە 10-ئاي كىرىپ قالغان ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ بەزى سۇغۇرتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىدىشكە ئاز قالغان ، شۇنىڭ بىلەن جاڭ فامىللىكنىڭ ئايالىنى قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئويى بارغانسىرى كۈچەيگەن. 10-ئاينىڭ14-كۈنى كەچتە، جاڭ فامىللىك دۇ فامىللىككە ھەمراھ بۇلۇپ دەريا بۇيىغا كۆكتات يۇيغىلى بارغان ، ئۇ دۇ فامىللىكنىڭ سۇ ئۈزەلمەيدىغانلىقنى بىلگەن بولغاچقا يەنە كىلىپ يېقىن ئەتراپتا ئادەم يوقلىقنى سېزىپ ئايالىنى دەرياغا ئىتتىرۋەتمەكچى بولغان ، بىراق شۇ پەيىتتە ئۇ دۇ فامىللىكنىڭ ئۆزى قىزىتىپ قالغان ئىككى كۈندىن بۇيان كىچە-كۈندۈز تۈزۈك ئارام ئالماي ئۆزىگە قاراپ كەلگەنلىكنى ئەسكە ئېلىپ قول سېلىشقا چىدىمىغان .ئۆزى بىلەن شۇ تەرىقىدە بىر قاتار ئىدىيە كۆرىشى قىلغاندىن كىيىن ئۇ ئايالىنى ئۆلتۈرۈشتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن.
ئايالىنى ئۆلتۈرۈشتىن ۋاز كەچكەندىن كىيىن ئۇ سۇغۇرتا شىركىتىگە تېلفۇن قىلىپ مەسلىھەت سورىغان ھەمدە سۇغۇرتا مەزگىلىدە كۈتۈلمىگەن ۋەقە يۈز بەرسە ئەگەر شىركەتكە مەلۇم قىلغان بولسا يەنە ئىككى يىل داۋاملىق ئىناۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكنى بىلىپ يەنە ‹‹ئىلھامى››كىلىپ ئۇدۇل سۇغۇرتا شىركىتىگە قايتا تېلفۇن قىلىپ ئايالىنى دەرياغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ مەلۇم قىلغان ، ھەمدە شۇ ئارقىلىق سۇغۇرتا شىركىتىدە ئالدىن دېلودىن بىرنى تەييارلاپ قۇيۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن.
بىراق جاڭ فامىللىك ئىككىنجى كۈنىلا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈز تۇرانە سۆزلىىشنى ھەمدە دۇ فامىللىكنىڭ ئۆلگەنلىك ئىسپاتىنى چىقرىشنى تەلەپ قىلشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. بىر يالغان گەپ نۇرغۇن يالغان گەپلەر بىلەن تامام بۇلىدۇ ، بىراق ئۇنچە كۆپ يالغاننى تۇقۇپ چىقالمىغان جاڭ فامىللىك ئاخىرى يۇۋاشلىقچە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارلاشقا مەجبۇر بولغان . شۇنىڭ بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى خادىملىرى دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان .
2014-يىلى 5-ئاينىڭ24-كۈنى كۈنشەن شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى توڭشىن ساقچىخانىسى جاڭ فامىللىكنى قولغا ئېلىپ دېلو تۇرغۇزغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved