جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-فېۋرالدىكى تېلېگراممىسى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي 2- فېۋرال:«ئافغانىستان رەسمىي ھالدا <شام ئىسلام دۆلىتى> ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش خەلقئارالىق ئىتتىپاقىغا كىردى» دېگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، كېررىي «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش خەلقئارالىق ئىتتىپاقىنىڭ بارلىق «گۇرۇپپا» يىغىنىدا يۇقىرى باياناتنى جاكارلىغان، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى باۋلو بىلەن كېررىي ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلغان.
كېررىي يەنە:«گەرچە بىز <ئىسلام دۆلىتى>نى مەغلۇب قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ، بىراق بۇ ئىشنى بىر كۈندىلا روياپقا چىقىرىشقا ئامالسىزمىز» دېگەن.
كېررىينىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، 2015- يىلدىن باشلاپ «گۇرۇپپا» يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەندىن بېرى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلگەن:«ئىسلام دۆلىتى» ئىراقتىكى %40 بېسىۋالغان زېمىنىدىن ۋە سۈرىيەدىكى %20 بېسىۋالغان زېمىنىدىن ئايرىلغان.
كېررىي:«مەن شۇنىڭغا چىنپۈتىمەنكى، ئامېرىكا <ئىسلام دۆلىتى>گە زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە:«ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق ئىتتىپاق، 10 مىڭ قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىپ، <ئىسلام دۆلىتى>نىڭ نەچچە ئون يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىنى يوقاتتى» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە:«<ئىسلام دۆلىتى>نىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالغان زېمىنلارنى قايتا قۇرۇشقا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 23 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق «گۇرۇپپا» يىغىنى ئىتالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىتالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى باۋلو بىلەن كېررىي ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved