ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، 28-ئىيۇن كېچىدە ، ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە مېترودا ئولتۇرۇپ ، بىر جۇڭگولۇق مۇھاجىر باشقىلاردىن بىگۇناھ تاياق يېگەن . نەق مەيداندىكى بىرەيلەن بۇ مۇھاجىرنىڭ تاياق يېگەن جەريانىنى ۋىدېئو چاستوتىغا ئېلىپ ، تورغا چىقىرىۋەتكەن . ۋەقە يۈز بېرىپ 24 سائەتتىن كېيىن ، بۇ جۇڭگولۇق ياش ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان .
نەق مەيداندا تارتىلغان ۋېدىئودىن قارىغاندا ، جۇڭگولۇق مۇھاجىر مېترودا ئولتۇرغان ، ئۇنىڭغا قول تەككۈزگەن چەت ئەللىك ئەر ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان بولۇپ ، ئىككىسى نېمىلەرنىدۇر دەپ تاكاللاشقان ، چەت ئەللىك ئەر توساتتىن بۇ ياشنىڭ يۈزىگە تەلۋىلەرچە مۇشت ئۇرغان ، ئەتراپتىكىلەر بۇ ئىككىيلەننى ئاجرىتىپ ، جۇڭگولۇق مۇھاجىرنى ئىشىك تەرەپكە تارتىپ ، مېترو بېكەتكە كىرگەندە ، ئۇنى ئىشكتىن ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتكەن . ‹‹ مېترو ۋەقەسى ›› شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان .
ساقچىلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە ، ۋېدىئوغا ئالغۇچى بىلەن ئادەم ئۇرغۇچى تونۇش بولۇپ ، ۋەقە ئالدىن پىلانلانغان . نۆۋەتتە ساقچىلار ۋېدىئوغا ئالغۇچى بىلەن ئادەم ئۇرغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ، ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved