يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنالايمەن دەپ ماختانغان ئوبامانىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى نەدىن كەلدى

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28 –ئىيۇل ئافرىقىدىكى ئىفىئوپىيەنى زىيارەت قىلغاندىكى بىر قېتىملىق نۇتقىدا، ئەگەر يەنە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشسام، يەنە سايلىنالايمەن، ئەمما ئاساسى قانۇن بۇنداق قىلىشقا يول قويمايدۇ دىدى. ئوبامادىكى بۇنداق ئىشەنچ نەدىن كەلدى؟ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ توشۇشىغا يەنە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقتى قالغان ئوباما بۇنداق دېسە راستتىنلا مۇۋاپىقمۇ؟
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورى ئوبامانىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: ئەمەلىيەتتە، ئۆزۈمنى خېلى قالتىس زۇڭتۇڭ دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، يەنە سايلامغا قاتناشسام، يېڭىپ چىقالايمەن. يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ ئامېرىكىنى ئالدىدا ماڭغۇزۇشنى ئويلايمەن، ئەمما قانۇن يەنىلا قانۇن، ھېچكىم قانۇندىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ، زۇڭتۇڭ بولسىمۇ شۇنداق دىدى، دەپ خەۋەر بەردى.
2008 –يىلى، ئوباما ئامېرىكا«ئۆزگۈرۈش»كە مۇھتاج دەپ نۇتۇق سۆزلەپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ھازىرغىچە ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ قالدى.
تاشقى دۇنيانىڭ گۇمانىي سادالىرى ئىچىدە، ئومابا 1-قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى مەزگىلىدە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىگە كۈچەپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئىككى مەيدان ئورۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى.
2012 – يىلى ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن، يېقىندا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا كۈچەپ، سۆرۈلۈپ ھەل بولماي كەلگەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كونا رەقىبى ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى؛ ئۇنىڭدىن باشقا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى كۇبا بىلەن ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 54 يىل بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا- كۇبا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇشنىڭ 1- قەدىمىنى باستى.
بىراق، يەنە بىر خىل مۇمكىنچىلىكمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئوباما ئافرىقىدىكى « يۇرتداشلىرى»نىڭ قىزغىن ئالقىشلىرى ئالدىدا خۇدىنى بىلمەي، ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالدى، ئەمەلىيەتتە ئوبامانىڭ تەكەببۇر دىپلوماتىيەسى ، ئامېرىكىنىڭ مەنمەنچى، ھاكاۋۇرلۇقى بىلەن ماس كەلمەي قالدى.
ياۋروپادا، ئامېرىكا ئۇكرائىنادىكى قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشىگە شاھىد بولدى، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە نۇرغۇن جازالاش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن، ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا«كۈچ كۆرسىتىپ» ھەربىي ۋاستە ئارقىلىق روسىيەنى قىستاپ باش ئەگدۈرۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ئەھۋال ئوبامانى ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلەندۈردى.

ئوتتۇرا شەرقتە، پەلەستىن ئىسرائىليە تىنچلىق سۆھبىتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى تولا قاتراپ پۇتى ئۈزۈلۈپ كېتەي دېگەن بىلەن، ئىسرائىليە ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ چىرايىغا بېقىپ ئىش تۇتمىدى، ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئىسرائىليەنىڭ ئامېرىكىغا بولغان گۇمانى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. 2012 –يىلى ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە بەنغازىدىكى كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، باش ئەلچى ستېۋېنسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 نەپەر ئامېرىكىلىق قازا قىلىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئوباما ئالدىنى ئېلىش، مۇداپىئە كۆرۈشكە سەل قارىدى، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا كۈچىمىدى، دەپ ھۇجۇم قىلىشىغا باھانە تېپىپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قول تىققانلىقى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشقانلىقىنىڭ يامان ئاقىۋىتى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى زومىگەرلىك سىياسىتى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىنكاسى، «ئىسلام تەشكىلاتى» نىڭ خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىشى، ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن ياخشىلانمىدى، ئىراننىڭ ئۆزىمۇ ئامېرىكىغا بولغان ھوشيارلىقىنى بوشاشتۇرۇپ قويمىدى.
ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايۇنىدا، ئوباما «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى توسىماقچى بولدى. تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ياپونىيەنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتتى، ھەتتا ياپونىيە بىلەن بىر قازاندا قايناپ، ئابىشىنزو ھاكىمىيىتىنى تىنچلىق ئاساسى قانۇنىنى ئۆزگەرتىش، ياپونىيە ئامېرىكا مۇداپىئە ھەمكارلىق يېتەكچىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزىشكە قويۇپ بېرىپ، ئابىشىنزو ھاكىمىيىتىنىڭ مىلىتارىزم يولىدا مېڭىشىغا پەرۋاسىز قارىدى.
ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كىرمەيدىغىنى، ياپونىيەنىڭ ھەقىقى مەقسىتى، جۇڭگونى توساشتىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىنىڭ كىشەنىدىن قۇتۇلۇش. ئەگەر ئوباما پېئارل خاربور ۋەقەسىدىكى ئېچىنىشلىق ساۋاقنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ياپونىيەنى داۋاملىق ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئىشىنىمىزكى ياپونىيە كەلگۈسىدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىد پەيدا قىلىپلا قالماستىن، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىكى دۇنيا ئېقىمىغا قارشى يول تۇتۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت -جۇڭگو بىلەن بىھۇدە ئويۇنلارنى ئويناشنىڭ ئۆزى ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس.



خەتكۈچلەر:
10-08-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek