ياشلارنىڭ ئىشسىز قىلىش نېسبىتى %50 كە يەتكەن جەنۇبىي ئافرىقىدا شۇنداق بىر تۈركۈم ياشلار بار بولۇپ ، ئۇلار ئالاھىدە تىكتۈرۈلگەن قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىشىدىكەن ، نازۇ-نىممەت ، ھاراق–شاراپلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى بىلەن داستىخان ھازىرلاپ يىغىلىشلارنى ئۆتكۈزىدىكەن ، بىر تۇتام–بىر تۇتام پۇللارنى كۆيدۈرۈپ كۆز-كۆز قىلىدىكەن . بۇلار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ‹‹ماختانچاق ياشلار ›› توپى ئىكەن . ‹‹ ماختانچاق ياشلار ›› قانچە قىممەت نەرسىلەرنى ئىشلەتسە، بۇزۇۋەتسە ، دوستلىرى ئارىسىدا شۇنچە ئابرويلۇق بولىدىكەن .
ئەمەلىيەتتە بۇ ياشلارنىڭ كېلىپ چىقىشى بايلار ئائىلىسى ياكى ئەمەلدارلار ئائىلىسىدىن بولماستىن بەلكى ئادەتتىكى خىزمەتچى ئائىلىسىدىن ئىكەن . ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ، ئۇلار بىر قىسىم ئاق تەنلىك ھۆكۈمرانلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن ئاتا-بوۋىلىرىغا قارىغاندا ‹‹ ئەركىن-ئازادە ›› ياشىشى كېرەككەن . بۇ خىل ‹‹ ئەركىن-ئازادە ›› لىكنىڭ بىۋاستە ئىپادىلەش ئۇسۇلى خالىغانچە ئىستېمال قىلىش ئىكەن . بەزى ياشلار بۇ ‹‹ ماختانچاق ياشلار ›› نى بىر خىل چېكىدىن ئاشقان قىلمىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەمبەغەلىكتىن قۇتۇلغانلىقىنى ئسپاتلاش دېسە ، ‹‹ ماختانچاق ياشلار ›› بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۇلارغا ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئاتا-ئانىلار بولسا بۇ خىل تۇرمۇشنىڭ بالىلارنى جىنايەت يولىغا باشلايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن .
ئىگىلىنىشىچە ، 2012-يىلى ‹‹ ماختانچاق ياشلار ›› توپىنىڭ بىر ئەزاسى ، ئېغىر ئىقتىسادىي بېسمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان .
ئەنگىلىيە ‹‹ شەھەر كۈندىلىك گېزىتى ›› نىڭ 2- ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگىلىيەدىكى بىر چىش مايمۇن باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىلگەن ‹‹ ئاشىقى ›› نى ئىزدەش ئۈچۈن ، ھايۋاناتلار باغچىسىدى...
|
لەگلەك تور تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2014 by www.leglek.com all rights reserved