شىنخۇا تورى ، خاڭجۇ ، 12-ئىيۇن تېلېگراممىسى : 12-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، خاڭجۇ شەھىرى ناۋشى رايونىدا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى . ساقچى تەرەپ ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، دەرھال قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ، جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى .
12-ئىيۇن سائەت 7:24 دە ، خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ 110 دېلو مەلۇم قىلىش سۇپىسى ئاممىنىڭ شەھەر رايونىدىكى دىڭئەن يولى ۋە خۇيمىن يولىنىڭ كېسىشكەن يېرىگە جايلاشقان داسەنيۈەن تاللا بازىرىدا بىر ئەرنىڭ قولىغا پىچاق كۆتۈرۈپ دۇكاننىڭ بىر ئايال خىزمەتچىسىنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان ، ئىگىلىنىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەن جاي دەل خاڭجۇ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىدا ئىكەن .
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شۇ ئەتراپتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلار ۋەقەدىن خەۋەر تېپىپ ، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ھەمدە قاتناش ساقچىلىرى ۋە تەۋەلىكتىكى ساقچىخانا خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە نەق مەيداننى كونترول قىلىپ ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرغان ھەمدە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ جىنايەت گۇماندارىنى بويسۇندۇرۇپ ، تاللا بازىرىنىڭ ئايال خىزمەتچىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان ، پۈتۈن جەريانغا پەقەت 10 مىنۇتلا ۋاقىت كەتكەن .
دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، جىنايەت گۇماندارى ما X ( ئەر ، 30 ياش ، سىچۈەننىڭ لاڭجۇڭ شەھىرىدىن ) نىڭ ئىلگىرى زەھەر چەككەن تارىخى بولۇپ ، سىچۈەن ئۆلكىسى نەنچۇڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەن . ئۇ تاللا بازىرىدىكى ئايالنى تۇتقۇن قىلىپ 100 مىڭ يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلغان
.
نۆۋەتتە، دېلو تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved