قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كوچا ياسالدى

        مۇخبىر 29- دېكابىر شىنجاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقە مەيدانىدا  شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كوچا ياسالغان. ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئېلېكتىرون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: «ئىشچىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول چىرىغى ئورنىتىۋاتىدۇ. ئېگىزلىكى 12 مېتىر كېلىدىغان يول چىرىغى ئىشلىتىشكە كىرىشكەندىن كېيىن، ئىندۇكسىيەگە ئاساسەن يورۇقلۇق دەرىجىسى ئۆزلۈكىدىن تەڭشىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھەربىر يول چىرىغىنىڭ ئۈستىگە يەنە جىددىي ئەھۋال كۇنۇپكىسى ئورنىتىلىپ، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، كۇنۇپكا بېسىلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىش سىستېمىسىغا ئاپتوماتىك ئۇلىنىدۇ».بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كوچىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11.4 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى سىناق قۇرۇلۇش، يەنى مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ـــ 302 ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە يول چىرىغى، ئون ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە ئېگىز خادىلىق چىراغ، ئىككى ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە كوچا ئاپتوبۇس بېكىتى ۋە ئىككى ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە ئۇنىۋېرسال قانۇننى ئىجرا قىلىش پونكىتى، يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، ئالاقە ۋە تور ئەسلىھەلىرى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارىغا ئىگە باشقۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش سىستېما ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

     ۋاڭ لېي مۇنداق دېدى: «قۇرۇلۇش ئىشلىتىشكە كىرىشكەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان، تېخىمۇ قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى مەزكەزلىك نامايەن قىلىدۇ».

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر 2016- يىلى 5- يانۋار تاماملىنىپ، 10- يانۋار ئەتراپىدا سىناق قىلىنىدىكەن.

سۈرەتتە: ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېكەت.

(سۈرەتنى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئېلېكتىرون ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)



خەتكۈچلەر:
31-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
27-04-2016
    دۆلەتلىك جەنۇبىي دېڭىز مۇزىيى پىلانىدا بۇ يىل 10- ئايدا ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 12- ئايدا كۆرگەزمە بويۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تامالىنىپ، 2017- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە سىرىتقا ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ مۇزىي پۈتكەندىن كې...
27-04-2016
     ئەنگىلىيە < كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا شىۋېتسىيەلىك توبىئاس خاگ ئىسىملىك ئەر ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئېگىز بوشلۇقتىن شىۋېتسىيەنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىچە گ...
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 26-كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دېسنىي باش تېمىسىدىكى رەڭدار نەقىشلىك تۇنجى ئايروپىلانى بېيجىڭ پايتەخت ئايرودرومىدا ئۇچۇشقا تەييارلاندى. شۇ كۈنى، بۇ ئايروبۇس A330 تىپلىق ئايروپىلان شاڭخەي خۇڭچياۋ خەلقئارا...
26-04-2016
    2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى (كونكرېت سۈرەتكە تارتىلغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس). بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەر، دۇبەينىڭ قويۇق تۇمان بىلەن قاپلانغان ئاسمىنىنى نامايان قىلغان. چىراغ نۇرى بىلەن يورۇپ كەتكەن ئۇپۇق سىزىقىدىن تارتىپ، بۇ...
24-04-2016
    يېڭى «تۈرمىدىن قېچىش» نى سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرى بۇ ئاينىڭ 10-كۈنى كانادا باشلاندى. ئىگەللىنىشىچە ھازىر بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىككى قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغان. بۇ يېڭى تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئاساسىي ۋەقەلىكى: لى...
24-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 23-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى 1-قېتىملىق دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى. ب د ت مائارىپ، پەن-تېخنىكا مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىجراچىسى ئىرىنا بوكوۋا (Irin...
07-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىتالىيەلىك بىر ئەر «ئۆي ئىشى قىلمىغانلىق» سەۋەبى بىلەن ئۆزىنىڭ ئايالىنى سوتقا ئەرز قىلغان. ئەگەر ئايالنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا...
07-02-2016
         ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ غەربىي يورك ۋىلايىتىدىكى خۇددېرسفيېلد ۋوگزالىدا بىر داڭلىق «چارلىغۇچى مۈشۈك» بار بولۇپ، بەش يىلدىن بېرى ئۇ ئىزچىل ھالدا...
06-02-2016
      كىشىلەر ھازىر ئاللىقاچان ئۆز تارتىم سۈرەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا بۆسۈپ كىرگەنلىكىگە كۆنۈپ كەتتى. ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشقا قارىتا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس، لېكىن نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغىنى ئۆزىنى سۈرەتك...
Powered by Leglek