12-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت-تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. بۇ 2015-يىللىق ئەڭ ئاخىرقى رەت-تەرتىپ بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا بىرىنچى ئورۇنغا چىققان ياۋروپا قىزىل ئالۋاستىسى بىلگىيە پۇتبول كوماندىسى بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئارگېنتىنا پۇتبول كوماندىسى ئىككىنچى، ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىسى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. گېرمانىيە پۇتبول كوماندىسىنىڭ رەت-تەرتىپى ئىككى رەت چۈشۈپ تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئالدىنقى ئايدا FIFA ئېلان قىلغان رەت-تەرتىپكە سېلىشتۇرغاندا بۇ قېتىم سامبا قوشۇنى برازىلىيە پۇتبول كوماندىسى ئىككى رەت ئۆرلەپ ئالتىنچى ئورۇنغا چىققان. كىرىستىئانو رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە پۇتبول كوماندىسى يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئېكىۋاتۇر پۇتبول كوماندىسى جەنۇبىي ئامېرىكا رايونى دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدىكى قالتىس نەتىجىسىگە تايىنىپ بۇ قېتىم 13-ئورۇنغا چىققان. ئاسىيا تەرەپتە بولسا رەت-تەرتىپى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى ئىران پۇتبول كوماندىسى بولۇپ، دۇنيادىكى رەت-تەرتىپى 45-ئورۇندا ئىكەن. كورىيە پۇتبول كوماندىسى 51-ئورۇنغا، ياپونىيە پۇتبول كوماندىسى 53-ئورۇنغا، ئاۋىستىرالىيە پۇتبول كوماندىسى 57-ئورۇنغا تىزىلغان. دۆلىتىمىز پۇتبول كوماندىسىنىڭ رەت-تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولمىغان. داۋاملىق 84- ئورۇندا تۇرغان. ئاسىيادا سەككىزىنچى ئورۇندا ئىكەن. تۆۋەندىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىدىكى دۆلەت پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ رەت-تەرتىپى:1: بېلگىيە
2: ئارگېنتىنا
3: ئىسپانىيە
4: گېرمانىيە
5: چىلى
6: برازىلىيە
7: پورتۇگالىيە
8: كولومبىيە
9: ئېنگىلاند
10: ئاۋىستىرىيە
11: ئۇراگۋاي
12: شىۋىتسارىيە
13: ئېكىۋاتۇر
14: گوللاندىيە
15: ئىتالىيە
16: رومىنىيە
17: ۋېلىش
18: كىرودىيە
19: كوتىدىۋار
20: ۋېنگىرىيە
84: جۇڭگو
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved