خوككايدۇنىڭ شەرقىدىكى دېڭىز يۈزىدىن تېز سۈرئەتتە كېڭەيگەن تۆۋەن ھاۋا بېسىمىنىڭ تەسىرىدە 17-دېكابىر ياپونىيەنىڭ شىمالىدا قاتتىق بوران چىقىپ ، قار ياغقان ، مېتېئورولوگىيە ۋازارىتى كۈچلۈك بوران-چاپقۇندىن ئېھتىيات قىلىش سىگنالى تارقاتقان . مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ كۈچلۈك بوران -چاپقۇن 18-دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىكەن .
17-دېكابىر كەچ سائەت 11:00 گىچە ياپونىيەنىڭ شىمالى ۋە غەربىدىكى رايونلاردا قاتتىق قار يېغىپ ، خوككايدۇ ، شەرقىي شىمال رايونى ، نىگاتا ناھىيەلىرىدە قارنىڭ قېلىنلىقى 70~ 90 مىللىمېتىرغا يەتكەن ، نىگاتا ناھىيەسىنىڭ جوئېتسۇ شەھىرى ، فۇكۇشىما ناھىيەسى خىنوئېماتا كەنتى ، خوككايدۇ نىشىئوكوپپې كەنتىدە يىغىلغان قارنىڭ مىقدارى ئايرىم-ئايرىم 175 ، 125 ، 77 مىللىمېتىرغا يەتكەن ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، شەرقىي ياپونىيە تىنچ ئوكيان بويلىرىدىمۇ قار ياغقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved