جاھان ئاگېنتلىقى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىراق ئارمىيسى ، ئەسەبىي تەشكىلات ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىدىن قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان تىكرىت رايۇنىدا، ئىراقنىڭ سابىق رەھبىرى سادام ھۈسەيىننىڭ مازىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.
پرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ سابىق رەھبىرى سادام ھۈسەيىن تۇغۇلغان يېزا ئاۋجادىكى مازارلىقتا ھازىر بىر قانچە تۈۋرۈكلەر قېلىپ قالدى. ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان مازاردىكى سادام ھۈسەيىننىڭ رەسىمى ئورنىغا شىئە قۇراللىقلارنىڭ بايراقلىرى ۋە شىئە رەھبەرلىرىنىڭ رەسىملىرى ئېسىلدى.
ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى 2014-يىلى ئاۋغۇستتا مازارلىقنى تامامەن ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، ئەمما يەرلىك دائىرىلەر بۇنى رەت قىلغان ۋە مازارنىڭ يىنىك زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
جورجى بوش ھۆكۈمىتى ۋاقىتىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى، 2003-يىلىدا ئىراقنى ئىشغال قىلدى. ۋە مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن 24 يىل ھاكىمىيەت تۇتۇۋاتقان ئىراقنىڭ سابىق رەھبىرى ساددام ھۈسەيىن ھۆكۈمىتى ئاياغلاشتى. سادام ھۈسەيىن بولسا 2006-يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. جەسىتى 2007-يىلى تىكرىتتىكى مازارلىققا دەپنە قىلىندى.
پايتەخت باغدادنىڭ 140 كىلومىتىر شىمالىدىكى سادام ھۈسەيىننىڭ يۇرتى بولغان تىكرىت رايۇنى، سالاھۇددىن ۋىلايىتىنىڭ باشقۇرۇش مەركىزىدۇر. دىجلە دەرياسىنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان بۇ رايۇن ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن.
ئىراق ئارمىيسى، ئىراننىڭ قوللشى ئاستىدىكى شىئە قۇراللىقلار بىلەن تىكرىت رايۇنىنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرى 48 سائەت ئىچىدە رايۇننى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، رايۇننىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى قىسمىدا زور تۇقۇنۇشلار داۋاملشىۋاتىدۇ. ئارمىيە تەرەپكە ئېغىر تىپتىكى قۇراللار بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئىتتىپاق ئايرۇپىلارنىلىرى ھەم ياردەم بېرىۋاتىدۇ.
ئىراق ئارمىيىسى تىكرىت مەركىزىگە يېقىن ئاخىرقى قوغداش سىزىقى بولغان «ئالەم بازىرى» نى سەيشەنبە كۈنى كونتروللىقىغا كىرگۈزگەن ئىدى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى 2014-يىلى 10-ئىيۇندىن بېرى ئىراقنىڭ ئىككىنجى چوڭ شەھىرى مۇسۇلنى كونتروللىقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون، ئىراق ئارمىيسىنىڭ تىكرىتنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىدىن قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن باشلىغان ھۇجۇمى، باشقا رايۇنلارنى قايتۇرۋېلىشنىڭ ئاچقۇچى بولىدۇ، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved