سۈرىيە ھۆكۈمەت ئاگېنىتلىقى تۈنۈگۈن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: سۈرىيە تۈركىيە بىلەن بولغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سۈرىيە بۇ قارارى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ 9-دېكابىر ئىككى تەرەپ 2009-يىلى 13-ئۆكتەبىر ئىمزالىغان ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش، باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن تۈركىيە بىلەن تۈزگەن ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى. تۈركىيە پۇقرالىرى كېلىشىم رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ۋىزا بېجىرمەي تۇرۇپ سۈرىيەگە بارالمايدۇ.
سۈرىيە كىرزىسى 2011-يىلىنىڭ بېشىدا پارتلىغاندىن بۇيان، سۈرىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يامانلىشىپ كەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved