جۇڭگونىڭ شەرق شامىلى 21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى چاڭبەي تېغىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن

ھەممىمىزگە مەلۇم ، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمىنىڭ مەشىق ياكى مانىۋېرىنى دۇنياغا ئاشكارىلىشىدا ئىككى خىل مەقسەت بولىدۇ، بىرى قىسىمنىڭ ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ، يەنە بىرى بولسا رەقىبىگە ھەيۋە قىلىش . 2015-يىلىنىڭ بېشىدىلا جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر ھەيۋە قىلىۋالدى.
مەركىزىي خەلق تېلىۋېزىيە ئىستانىسسىنىڭ خەۋەرلەر قانىلى يېقىندا مۇنداق بىر خەۋەرنى خەۋەر قىلدى: خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىككىنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېۋىزىيىسىنىڭ قارشىلىشىش مانىۋېرىدا تۇيۇقسىز بىر كۆك رەڭلىك ئادەتتىكى يۈك ماشىنىسىغا ئوخشىتىپ قويۇلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇش ماشىنىسى پەيدا بولدى . بىر قىسىم كىشىلەر ماشىنىدا توشۇلۇۋاتقىنى جۇڭگو ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىمىغا سەپلەپ بېرىلگەن شەرق شامىلى 21 ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى. ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق تەھلىل قىلدى: بۇ جۇڭگو ئاخپارات ۋاستىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خەۋەر قىلىشى ، جۇڭگو باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېۋىزىيەسىنىڭ شەرق شامىلى 21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بەلكىم شەرقىي شىمال رايۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك ھۇجۇم قىلىش ئارىلىقىدىن قارىغاندا ياپۇنىيەنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدۇ. بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ شەرقىي شىمال رايۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىشى ياپۇنىيە ۋە ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا زور تەھدىت ھېسابلىنىدۇ.
ھازىرغا قەدەر ھەربىي مەخپىيەتلىككە چېتىلغانلىقتىن شەرق شامىلى 21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كونكېرت سانلىق مەلۇماتلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋاللىرى تەپسىلىي ئاشكارىلانمىدى . چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ بومبىغا قويغان ئىسىملىرىمۇ ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى ئۇنى شەرق شامىلى 21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ ئاتىسا ، يەنە بەزىلىرى ئۇنى DF-21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ ئاتايدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بولسا بۇ خىل بومبىنى CSS5 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا دەپ ئاتايدۇ. مەيلى نېمە دەپ ئاتىلىشىدىن قەتئىي نەزەر چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ بومبىنىڭ جۇڭگو ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان قاتتىق يېقىلغۇلۇق
يىراقتىن كونتروللاپ قويۇپ بەرگىلى ھەم مېخانىكىلىق باشقۇرۇپ قويۇپ بەرگىلى بولىدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى ھەم دۇنيا بويىچە تۇنجى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.
2010-يىللىرىدىلا كانادا تاراتقۇلىرى جۇڭگو شەندوڭ رايونلىرىدا ئېتىش مۇساپىسى پۈتۈن ياپۇنىيەنى قاپلايدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېۋىزىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ دەپ خەۋەر بەرگەن ۋە بىر پارچە سۈنئىي ھەمراھ رەسىمىنى ئېلان قىلغانىدى . رەسىمدىن پەرەز قىلىنىشىچە جۇڭگونىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى ئېتىش مۇساپىسى 1800 كېلومېتىر كېلىدىغان كونىچە شەرق شامىلى 21 تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يېقىندا خەۋەر قىلىنغان شەرق شامىلى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەندوڭدىكىسىگە قارىغاندا ئېتىش مۇساپىسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ چوڭ. چۈنكى ئەگەر كەلگۈسىدە راستتىنلا جەڭ بولۇپ
قالسا شەندوڭدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسى ياپونىيەنىڭ F-15J تىپلىق كۆرەشچى ئايروپىلانىنىڭ زەربە بېرىش دائىرىسىگە كىرىپ قالىدىغان بولۇپ ، دېڭىز بويىغا جايلاشقان شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ تۈز ھەم كەڭرى يەر شەكلى ناھايىتى ئاسانلا ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە كونىچە شەرق شامىلى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى سەل كىچىك بولۇپ ياپۇنىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئايرودورۇم ، ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسى ۋە قۇماندانلىق مەركىزى قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا زەربە بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىپ قالىدۇ. لېكىن يېڭىچە شەرق شامىلى تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە شەرقىي شىمال رايۇنلىرىنىڭ مۇرەككەپ يەر شەكلى ۋە ياپۇنىيەگە يېقىن بولۇشتەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى يۇقىرىدا ئېيتىلغان بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.



خەتكۈچلەر:
22-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 10-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئۈچ دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسى شۇ جاي ۋاقتى 10-چېسلا نا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى      رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى رۇسىيە فۇكىس ئاخبارات تورىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، جۇڭگو تۇنجى قېتىم...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 27-ماي ئەنگىلىيەنىڭ لىۋىيەگە بىر ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ، لىۋىيەدىكى قورال ئەتكەس قىلىش ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشكە ياردەملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ...
27-05-2016
    24-، 25-ماي، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېيلوڭجياڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىن سەمىمىي يوقلىدى ھەمدە ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋ...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ F/A-18F بەلگىلىك ئىككى دانە «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سېرىق ھەرە» نالىق كۆرەشچى ئايروپىلانى 26- ماي شىمالىي كارولىننا شىت...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 26-ماي، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئارلىڭتون دۆلەت قەبرىستانلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بايرىقى سانجىلغان. ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئوفېتسىر-جەڭچىلەرن...
27-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، موڭغۇلىيەنىڭ پايتەختى ئۇلانباتورنىڭ غەربىگە 65 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى موڭغۇلىيە ئارمىيەسى ئۇنىۋېرسال مەشىق مەركىزىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى «خاقان ئۈستىدە ئىزدىنىش-2016» ناملىق كۆپ...
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى كورىيە «مەركەز كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، كورىيە ئارمىيە تەر...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئەنگلىيە ۋىرت، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق خان جەمەتى توپچى قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت Ⅱ خان جەمەتى توپچى قىسم...
26-05-2016
    دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى __ ۋەزىيەتنى ھەربىيلەشتۈرۈشى، ئۇرۇش پىلتىسىغا ئوت تۇ...
Powered by Leglek