ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك تېلېگرامما خەۋىرى گېزىتى ›› نىڭ 7-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگولۇق 34 ساياھەتچى نەچچە خالتا ئاق رەڭلىك نامەلۇم ماددىنى ئېلىپ رۇسىيەگە كىرمەكچى بولغىنىدا، موسكۋا شېرېمېتيېۋو ئايرودۇرۇمىنىڭ تاموژنا خادىملىرى ئۇلارنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەپكەس قىلىشقا ئۇرۇنغان دەپ قاراپ تۇتۇپ قالغان.
رۇسىيە فېدېراتسىيە تاموژنا مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان تاموژنا خادىمى ئۇلارنى رۇسىيەگە زەھەرلىك چىكىملىك ئەپكەس قىلىشقا ئۇرۇنغان دەپ قارىغان. رۇسىيە تاراتقۇلىرىمۇ : ئالاقىدار ئورۇنلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 500 قاداق ( تەخمىنەن 227 كىلوگىرام ) زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ رۇسىيەگە ئەپكەس قىلىنىشىنى توسۇپ قالدى، دەپ خەۋەر بەرگەن. ئەمما تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تۇتۇپ تۇرۇلغان جۇڭگولۇقلارنىڭ رۇسىيەگە ئەكىرمەكچى بولغىنى زەھەرلىك چېكىملىك بولماستىن بەلكى دۇفۇ ياسايدىغان خام ئەشيا بولۇپ چىققان. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن بۇ 34 نەپەر جۇڭگولۇق قويۇپ بېرىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved