سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا شۇ يەر ۋاقتى 20-ئىيۇن كەچتە قاھىرەدە قىسقا ۋاقىت توختاپ، مىسىرنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە رايون قىززىق نوقتىلىق مەسىلىلىرىدە كۆز قاراشلىرىنى ئالماشتۇردى. بۇ سېسىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىيە ئۆتىگەندىن كېيىن كۈتىۋالغان تۇنجى چەتئەل رەھبىرى شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھىنىڭ 2011-يىلى مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك تەخىتىن چۈشكەندىن كېيىن مىسىردا تۇنجى قېتىم زىيارىتتە بولۇشى.
خەۋەر قىلىنىشىچە، توقسان ياشلارغا كىرىپ قالغان سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغان پادىشاھ ئابدۇللا ماراكەشتىكى داۋالاش ۋە دەم ئېلىشىنى تامالىغاندىن كېيىن، دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە مىسىردا زىيارەتتە بولغان ھەمدە ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىدا سېسى بىلەن كۆرۈشكەن. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ سىموۋۇللۇق ئەھمىيىتى ماھىيەتلىك نەتىجىسىدىن زور، ئابدۇللا بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سېسىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ سېسى يېڭى ھاكىمىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىدىغانلىقى ۋە چۇڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قوللىشى بۈگۈنلا بولغان ئەمەس. ئۆتكەن يىلى ئيۇلدا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقىنى ئۆتەۋاتقان سېسى ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى تۇنجى بولۇپ مىسىر ئارمىيە دائىرىسىگە تەبرىك تىلىگراممىسى ئەۋەتكەن ئىدى. شۇندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت قاتارلىق پارىس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ مىسىرنى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئىقتىسادى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى. مىسىر كابىنىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى مۇرسى قاراشلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارلىغا كىرگۈزگەندىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانى مىسىرغا ئەگىشىپ بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى مىسىر زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى چىققاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى ئون نەچچە مىنۇتتىن كېيىنلا سېسىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى ھەمدە مىسىرغا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا يىغىن ئېچىشىنى، مىسىر ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى كىرزىستىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
تەھلىلچىلەر: سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ سېسى ھۆكۈمىتىنى قوللىشىدا مۇنداق ئىككى ئارقا كۆرۈنۈش بار دپ ھىسابلىدى.
بىرىنچىسى، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەرەب ئەللىرىدە مىسىرنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەتنىڭ قارشى تەرەپتە ناھايىتى كۆپ مۇھاجىرلىرى بار، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد ۋە ئەلئارا ئالماشتۇرۇشىدا بىر بىرىگە تايىنىدۇ. گەرچە تارىختا كېلىشەلمىگەن ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تەسىر كۈچى بار رايون چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى بىىلەن مىسىر باشتىن ئاخىر ئورتاق ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇزۇن مەزگىل ئامېررىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدېشى بولۇپ كەلدى، بۇ خىل دوستانە مۇناسىۋەت بولۇپمۇ مۇبارەك دەرۋىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. قويۇق دىنى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى مىسىردا ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن، رايوندىكى ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى ھەمدە مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىنىڭ سېڭىپ كىرىشى بۇ دۆلەتنىڭ پادىشالىق ھۆكۈمىرانلىق تۈزۈمىگە تەشۋىش پەيدا قىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى مىسىرغا قارىتا بىر مەھەل ئېھتىياتچان بولدى. شۇڭا مىسىر ئارمىيە دائىرىلىرى مۇرسىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى مىسىرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، دەل ۋاقتىدا ياردەم بەردى.
مۇبارەك دەۋرىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان سېسى سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرى بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ دەپ قارالدى. سېسى ئىلگىرى: بۇندىن ئىلگىركى مىسىرنىڭ بىر قانچە زۇڭتۇڭىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن زىيارەتتە بولىدىغان تۇنجى دۆلەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. مۇشۇنىڭدىن سېسىنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشتە «يولۋاسقا قانات چىققاندەك» ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئىككىنچىسى، رايون كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىئە مەزھىپى كۈچلىرىنى توسۇش. ئۇزۇندىن بۇيان، سۈنئىي مەزھىپى چوڭ دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىران، سۇرىيە، ئىراق قاتارلىق شىئە مەزھىپىدىكىلەر ھوقۇق تۇتقان دۆلەتلەر بىلەن تىركىشىپ كەلدى. نۆۋەتتە سۇرىيە بىلەن ئىراق مالىمانچىلىققا پېتىپ قالدى، دىنى مەزھەپلەرنىڭ تىركىشىشى ۋەزىيەتنىڭ يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە، سەئۇدى ئەرەبىستانى شىئە مەزھىپى چوڭ دۆلىتى ئىراننىڭ رايون مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە تەھدىت سېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان مىسىرنىڭ ھەربىيئەمەلىي كۈچى ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن مىسىر قول تۇتۇشۇپ رايوندا بىر قورغان ياساپ، دىنى مەزھەپ ياكى چېگرا توقۇنۇشىغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، رايون كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك.
ئەمما، ئۈچ يىللىق داۋالغۇشتىن كېيىن ئىقتىساد بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات چېكىنگەن مىسىردا سېسى ئىچكى ئىشلاردا نۇرغۇن خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ، مىسىر سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلىقىنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىرگە، رايون چوڭ دۆلەتلىك ئەمەلىي كۈچىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خۇددى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارزۇ قىلغاندەك قول تۇتۇشۇپ رايون مەسىلىسىدە تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرالامدۇ- يوق؟ بۇنى كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved