رونالدو: ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

       تېخى يېقىندا پورتۇگالىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى كىرىستىئانو رونالدو بۇ يىلدىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئالالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولۇپ، چۈنكى ئۇ 2015-يىلى ھېچقانداق كولىكتىپ شەرەپكە ئېرىشىپ باقمىغان. بۈگۈن كىرىستىئانو رونالدو ESPN نىڭ زىيارىتىدە ئىلگىرىكى سۆزىنى ئۆزگەرتىپ مۇنداق دېگەن: «بۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن»

       كىرىستىئانو رونالدو مۇنداق دېگەن: «ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىپادەم ياخشى بولدى. بۇ كەسپىي ھاياتىمدىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىتلار بولۇشى مۇمكىن، نېيمار بىلەن مېسسى ئالدىنقى پەسىل ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسدە چېمپىيون بولدى. شۇڭا مېنىڭ قارىشىمدا، بۇ يىلدىكى ئالتۇن توپ تارقىتىش سەل تەسكە توختايدۇ. ئىسمىم چىققانلىقىدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئەڭ قالتىس توپچىغا بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» بۇ پەسىلدىكى ھالىتىنىڭ تازا ياخشى بولمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مەندە ھەقىقەتەن بەزى مەسلە كېلىپ چىقتى، بىراق بۇ تۇرمۇشتىكى ياكى بەدەن ساپادىكى مەسلە ئەمەس، مەن بۇنىڭغا قارىتا يۇچۇق تاپماقچى ئەمەسمەن، ھەرقانداق ئادەم نېمە ئويلىسا شۇنى دەيدۇ، مەن تاشقى پىلانت ئادىمى ئەمەس، مېنىڭمۇ ئىپادەمنىڭ يۇقىرى ۋە تۆۋەن تەرىپى بولىدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچىرايدىغان ۋاقتى بولىدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئالغا ئىلگىرلەش، بۇ مېنىڭ قىلماقچى بولغىنىم، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرۈش ۋە شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزەمنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىمنىمۇ خۇددى ئالدىنقى پەسىلدىكىگە ئوخشاش قالتىس قىلىش. ھازىرقى بەدەن ھالىتىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كېيىنكى نەچچە يىلدىكى ئىپادەمنىڭ قالتىس بولىشىدا چوڭ مەسلە يوق.»

       كىشىلەر دائىم بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى قاتىل ھۇجۇمچىغا دىققەت قىلىدىغان بولۇپ، كىرىستىئانو رونالدو سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «توغرا، كىشىلەر ماڭا دىققەت قىلىۋاتىدۇ، مېنىڭ ھالىتىممۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ. 30 ياشقا كىردىم، يەنە تېخى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت توپ تېپىمەن، بەدەن- ساپا ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى ئېھتىمال تەسىر كۆرسىتىپ قۇيۇشى مۇمكىن. بىراق تىرىشچانلىقنى مەيدانغا ئېلىپ كىرىپ داۋاملىق ياخشى ھالىتىمنى ساقلاش ئۈچۈن ئىلگىرلەلەيمەن، بۇ ھەقىقەتەن تەس، چۈنكى بىز ھەممىمىز ئادەم»



خەتكۈچلەر:
12-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى 29-ماي سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 0:45 دا ئوينالغان، 2016-2015-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىد نۇقتا توپ مادرىد ئاتلېتىكىنى مە...
28-05-2016
     خانلىق مادرىد چولپىنى رونالدو مىلانغا مېڭىشتىن ئىلگىرى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ناھايىتى قىزىقارلىق سۆز قىلغان. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان مۇخبىرنىڭ ئوغلىڭىز بارسېلونا توپخۇمارى بولامدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا، ناھاي...
28-05-2016
5-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى: يېقىندا ئەمدىلا ئالتە ئايلىق بولغان بىر بوۋاق ئامېرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى مەلۇم سۈنئىي كۆلدە سۇ تېيىلىش تاختىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 210  مېتىرغا تېيىلغان. بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ، بالىسىنىڭ...
28-05-2016
    چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
28-05-2016
   «ئەينەك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىچە، تۈركىيە گالاتا ساراي كۇلۇبى لىۋېرپول كۇلۇبىدىن بالوتېللىنى كوماندىسىغا  قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ يىل يازدا بالوتېللىنىڭ مىلاندىكى ئىجارە ۋاقتى توشۇپ، لىۋېرپولغا قايتىدۇ، لېكىن قىزىل قوشۇند...
27-05-2016
dongqiudi تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    27-ماي سەھەردە ئاياللار ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. مۇسابىقىدە لىيون ئاياللار كوماندىسى نۇقتا توپ جېڭى ئارقىلىق بۆرە قەلئەسى ئاياللار كوماندىسى...
27-05-2016
سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 5- مەيدان مۇسابىقىسىدە قەھرىمانلار كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا چاقماق كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:       ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.     ...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
Powered by Leglek