لەگلەك تورى تەرجىمىسى: « سوقماق شاھزادىسى » دەپ نام ئالغان ئادىلجان بەش توننا كېلىدىغان 500 مىڭ يۈەنلىك سوقماقنى 7-ئاۋغۇست لۇديەندىكى يەر تەۋرەش ئاپتىنىڭ مەركىزى بولغان لوڭتوۋشەن بازىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ 1200 كېلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ، خۇنەن، گۈيجۇ، يۈننەن قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىدىن ئۆتۈپ، پارچە - پارچە قىلىنغان ساقماقنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قولىغا يەتكۈزدى.
بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئادىلجان مەمەتتۇرا قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى سوقماق سېتىپ ئالتە پەرزەنتنى قاتارغا قوشقان. 2012 - يىلى يۈز بەرگەن « قىممەت باھالىق سوقماق » ۋەقەسى خۇنەننىڭ چاڭشا شەھىرىدە ئالىي مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئادىلجانغا چوڭقۇر تەسىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھەقىقىي ۋە ئەرزان باھالىق سوقماقنى تېتىپ بېقىشى ئۈچۈن بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئېلىكتورنلۇق سودا شىركىتى قۇرغان ھەمدە كەڭ كۆلەمدە سوقماق ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved