سەئۇدى ئەرەبىستان ئەڭ كۆپ قورال سېتىۋالغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى
10-03-2015
0
936
يازغۇچى: تەكلىماكان
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
thumb

جاھان ئاگېنتلىقى 9-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان 2014-يىلى 6.5 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىۋېلىپ، 2013-يىلىدا بىرىنجى بولغان ھىندىستاندىن ئېشىپ چۈشتى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورال سېتىۋالغۇچى دۆلەتكە ئايلاندى.
IHS خەلقئارا ئىقتىسادى تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە زورىيۋاتقان نۇپۇزىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان، 2014-يىلى قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئ‍اجراتقان مەبلەغنى ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 54% كۆپەيتىپ 6.5 مىليارد دوللارغا چىقاردى. سەئۇدى ئەرەبسىتان بۇ سان بىلەن قورال سېتىۋېلىشتا 5.8 مىليارد دوللار مەبلەغ چىقارغان ھىندىستاننى بېسىپ چۈشتى.

Notre Dame ئۇنىۋېرستىتى سىياسىي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى داۋىد كورچىست، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلگەن گىئوپولىتىك ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇداپىئە شەكىللەندۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ، رايۇندا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاق كۈچلىرىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ، ئىراننىڭ يادرو مۇزاكىرىسىنىڭ غەلبىلىك بولۇپ ۋە ئىرانغا قارىتىلغان بېسىم بىكار قىلىنغان ئەھۋالدا ، ئىراننىڭ رايۇندىكى نۇپۇزىنىڭ تېخىمۇ زورىيشىدىن ئەندىشە قىلىپ قورال زاپىسىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
 مۇتەخەسسىس مورىس،  رايۇندىكى مەزھەب تۇقۇنۇشى ۋە قوراللىق تۇقۇنۇشلارغا ئىشارەت قىلىپ، «ھەممىمىز ئوتتۇرا شەرقتە قايتىدىن بىر بوران چىقىدىغانلىقىنى كۈتىۋاتىمىز» دېدى.
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقكە 2013-يىلىدا 6 مىليارد دوللارلىق قورال ئىكسپورت قىلغان ۋە 2014 تە 8.4 مىليارد دوللارلىق قورال ساتقان. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2014-يىلىدا قورال سېتىۋېلىشى مەبلىغى، بارلىق غەربى ياۋۇرۇپا ئەللىرىنىڭ قورال سېتىۋېلىش مەبلىغىدىن ئېشىپ 8.7 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
خەلقئارا قورال تىجارىتى، 2013-يىلىدا 56 مىليارد دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 2014-يىلى 64.4 مىليارد دوللارغا چىقتى.
IHS نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قورال ئىكىسپورتىدا ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا يۈزدە 19% ئېشىپ دۇنيا بويىچە قورال سېتىشتا بىرىنجى ئورۇندا. روسىيە 2- ئورۇندا. ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ئىسرائىلىيە، جۇڭگو، ئىسپانىيە ۋە كانادا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قورال ئىكىسپورت قىلىدىغان 10 دۆلەتتۇر.
ئەڭ كۆپ قورال سېتىۋالىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ھىندىستاندىن قالسا، جۇڭگو،(تەيۋەن)، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى،، ئاۇسترالىيە، كورىيە، ھىندىنوزىيە ۋە تۈركىيە بار.


 


10-03-2015
0
936
يازغۇچى: تەكلىماكان
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2015
0
95
thumb
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇچۇش مەشق بازىسىدىكى تىرىنىر جياڭ تاۋ ۋە ئوقۇغۇچى لۇ مىڭفېي بىر قېتىملىق ئۇچۇش مەشقىدە، ئۆزلىرى ھەيد...
26-05-2015
0
178
thumb
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلقى قورال ياراق ئېكسپورتى 15 مىليارد مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ يىل بۇ سەۋىيەنى ساقلىدى. ھازىر قورال ياراق ئېكسپورت زاكاز سوممىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى...
26-05-2015
0
191
thumb
يەر شارى خەۋەر تورى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىن روسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتىتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ھەربىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىش نىسبىتىنىڭ 15.5 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى...
25-05-2015
0
144
thumb
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 24-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، 500دىن ئارتۇق ھەربىيلىككە قىزىققۇچى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سىياقىدا ...
23-05-2015
0
479
thumb
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى ئۇچار يولۋاس زەربىدارلار ئەترىتى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندا مانىۋېر ئېلىپ باردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھ...
22-05-2015
0
166
thumb
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ دېڭىزدىكى «2015» 1-ناملىق دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى 21- ماي رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىزدىكى كىچىك شەھىرى جىمونۇرۋىسىئودا ئاخىرلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.11-مايدى...
22-05-2015
0
305
thumb
جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې 21-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە قىسمى تۇنجى قېتىم مىياكو جىما بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، غەربىي تىنچ ئوكيانغا بېرىپ، يىراق دېڭىز مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاۋ...
21-05-2015
0
204
thumb
يەر شارى تورى خەۋىرى: رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ئەسكەرلىك يېشىغا توشقان ياشلار تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي قىسمىغا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ھەربىي قىسىمىغا ...
20-05-2015
0
267
thumb
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 19-ماي، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئامېرىكا ھاۋاينىڭ ئوئاھۇ ئارىلىدا قۇرۇقلۇق ھەم سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى 10 نەچچە دۆلەتنىڭ ئارمىيە ۋەكىلل...
19-05-2015
0
235
thumb
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ياپونىيە NHK خەۋەر تورىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكىنىڭ ‹‹جورجى ۋاشىنگتون›› ناملىق يادرو ئاۋىياماتكىسى ياپونىيەنىڭ يوكوسۇكا بازىسىدىن يولغا چىقى...
Powered by Leglek