خەلق تورى 8 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىكى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە "پۇل مۇئامىلە گېزىتى" نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، روسىيەنىڭ ئوكرائىناغا بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى توسۇش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەنگىلىيە ۋە باشقا ئالتە دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىدا بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئەسكىرىي كۈچكە ئىگە يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى بىرلەشمە ئارمىيە تەشكىللەپ، شىمالىي ئەھدى تەشكىلاتنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىدىكەن.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، بۇ شىمالىي ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوكرائىنا كىرزىسىغا نىسبەتەن قوللانغان ئەڭ باتۇرلارچە تەدبىرى بولۇپ، رولى ئومۇمىيۈزلۈك، كۆلىمى چوڭ دىۋىزىيگە خاس بولغان كۈچلۈك ئارمىيە تەشكىللەشنى مەقسەت قىلىدىكەن. بۇ ئارمىيە ناھايىتى تىزلىكتە تەرتىپكە سېلىنىپ، ئىزچىل ۋە دائىملىق ھالدا مەشىقلەندۈرۈلىدىكەن. مەزكۇر پىلانغا قاتناشقان بىر ئەمەلدارنىڭ ئەنگىلىيە "پۇل – مۇئامىلە گېزىتى" گە بىلدۈرىشىچە، ئۇلار بۇ ئارمىيەنىڭ كۆلىمىنى تېخىمۇ كىڭەيتىشكە تامامەن قادىر ئىكەن.
ئىگەللىنىشىچە، بۇ ئارمىيە دېڭىز، ھاۋا، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىسىمدىن تەشكىللىنىپ، ئەنگىلىيلىك قۇمانداننىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدىكەن. باشقا ھەمكارداش دۆلەتلەر ھەر تۈرلۈك ئالاھىدە قىسىم ۋە ئەتىرەتلەرنى چىقرىدىكەن . نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدىن باشقا ئالتە ھەرمكارداش دۆلەت ئايرىم ھالدا دانىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە، لىتۋا، نورۋېگىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىقلار بولۇپ. بۇنىڭدىن باشقا، كانادامۇ قوشۇلۇش خاھىشىدا ئىكەن.
"پۇل – مۇئامىلە گېزىتى" دە يەنە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون كىلەر ھەپتە،ئىككى يىلدا بىر ئىچىلىدىغان شىمالىي ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنىدا بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ تەستىقلاشقا سۇنىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئەنگىلىيە ساھىبخان بولۇپ ۋالىس شەھرىدە ئۆتكۈزىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved