سەئۇدى ئەرەبىستانى ئارمىيە تەرەپ باياناتىچىسى تۈنۈگۈن: پاكىستاننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى يەمەن قۇسەي قوراللىقلىرىغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتناشماسلىقى پۈتكۈل ئۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ «كەسكىن بوران چاپقۇن» ناملىق ھەربىي ھەركىتىنىڭ باياناتچىسى ئەخمەد كۈندىلىك ئۇرۇش ئەھۋالىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: پاكىستاننىڭ يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرىغا زەربە بېىرش ھەربىي ھەركىتىگە قاتناشماسلىقنى پاكىستان پالامېنتى جاكارلىغان، پاكىستان ھۆكۈمىتى تېخى بۇ ھەقتە رەسمىي قارار چىقارمىدى. پاكىستان ئارمىيىسى يەنە بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا قاتنىشىشى مۇمكىن. پاكىستان ئۇرۇشقا قاتناشمىسىمۇ ئۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بىرلەشمە ئارمىيە پىلان بويىچە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved