شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان سەھىپە
ھەربىر شېركەتنىڭ مالىيە ئۇچۇرلىرى شېركەتنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە شېركەتنىڭ كىيىنكى تىجارەت ئەندىزىسى ۋە شېركەت باشقۇرلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
مۇنەۋۋەر مالىيە ئانالىز خادىمىنىڭ يادىرولىق ۋەزىپىسى: تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش (كونتىرول قىلىش) ھەمدە كىرىمنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش، مەبلەغ جۇغلانمىسىنىڭ ئىزچىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش ئىستراتىگىيىسىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىدا لىدىرنى ئىلمىي بولغان مالىيە ئانالىز دوكىلاتى بىلەن تەمىنلەش.
مۇنەۋۋەر مالىيە ئانالىز خادىم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئۈچ نۇقتا:
1. ئېلىكتىرونلىق جەدىۋەل ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ئارقىلىق مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىشقا ماھىر بولۇشى كېرەك. ئۇچۇرلارنى بىرلەشتۈرۈرش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەمدە ئاشكارلاش، بولۇپمۇ مۇكەممەل بولغان سانلىق مەلۇمات جەدىۋىلىنى ئېنىقلاپ بېكىتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2. باشقۇرۇش بوغالتىرلىقنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇشى كېرەك. بەزى شېركەتلەردىكى مالىيە ئانالىز خادىملىرى باشقۇرۇش بوغالتىرلىقىغا سەل قارايدۇ ۋە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلمايدۇ. مەبلەغ زىچلىق تىپتىكى ساھەسىگە نىسبەتەن مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىشى ۋە پايدا-زىيان نىسبىتىنى ئايرىشنى ئانالىز قىلىشتا باشقۇرۇش بوغالتىرلىقى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
3. شېركەتنىڭ مەھسۇلات، بازار ئەھۋالىغا نىسبەتەن مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر مالىيە خادىمى مەھسۇلات قىممىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئانالىزىنى قىلىشى كېرەك، شېركەتنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىشقا ماھىر بولىشى كېرەك.
كۆپلىگەن شېركەتلەرنىڭ مالىيە ئانالىز خادىملىرى خىزمەتنى تاماملاش مەقسىتىدە ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق مالىيە ئانالىز دوكىلاتىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا تاماملايدۇ، مۇنەۋۋەر مالىيە خادىمى شېركەتنىڭ ھەربىر مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنچىكە كۆزىتىپ، تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق شېركەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ مالىيە گىرافىكىدا گەۋدىلەندۈرۈشنى خىزمەت ۋەزىپىسى قىلغان بولىدۇ.
شىنجاڭ ئۆزتۈرك مەبلەغ سېلىش باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىڭ
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved