سەھەر گېزىتى خەۋىرى : يېڭى «نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش» بەلگىلىمىسى 1-فېۋرالدىن باشلاپ يۈرگۈزۈلدى، يېڭى بەلگىلىمىدە نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش ۋە نىكاھتىن ئاجرىشىشقا تىزىملىتىشتا بارماق ئىزى بېسىش ھالقىسى قوشۇلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ 1-فېۋرالدىن باشلاپ بۇ بەلگىلىمىنى يولغا قويدى.
ئىگىلىنىشچە، يېڭى بەلگىلىمىدە تىزىملاتقۇچى «نىكاھلىنىشقا تىزىملىتىش ئىلتىماس باياناتى»، «نىكاھتىن ئاجرىشىشقا تىزىملىتىش ئىلتىماسى باياناتى»، «نىكاھقا تىزىملىتىش تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش جەدۋىلى» قاتارلىقلارغا ئىمزا قويۇشتىن سىرت يەنە بارماق ئىزى بېسىشى شەرت دەپ بەلگىلەنگەن، نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش جەريانىدا يەنە تىزىملاتقۇچى نەق مەيداندا «ئىلتىماس باياناتى» نى نەق مەيداندا قايتا بايان قىلىشى شەرت بولۇپ، شۇندىلا تىزىملىغۇچى خادىم قەسەم نازارەتچىسى سالاھىيىتىدە «قەسەم نازارەتچىسى» كۆزنىكىگە ئىمزا قويىدىكەن.
«بۇ جايلارغا بارماق ئىزىڭىزنى قويۇڭ...» تۈنۈگۈن، سايباغ رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش زالىدا توي خېتى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن شاۋ جاۋ بىلەن بولغۇسى ئايالى ئىككەيلەن خىزمەتچى خادىملارنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇپ، بارماق ئىزىنى باسقاندىن كېيىن ئوڭۇشلۇق ھالدا «قىزىل دەپتەر» گە ئېرىشتى.
ئىگىلىنىشچە، بۇندىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى ئىسمىنى يازالمايدىغان يېڭى نىكاھلانغانلار ياكى نىكاھتىن ئاجراشماقچى بولغانلار ئىسمىنى يازالمىغانلىق سەۋەبلىك، شۇ خىل ئەھۋال ئاستىدىلا بارماق ئىزى بېسىش تەدبىرى قوللىنىلغان بولۇپ، بىراق، ھازىر چوقۇم ئىمزا قويۇش بىلەن سىرت يەنە بارماق ئىزى قويۇش شەرت.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار باشقارمىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار : «بارماق ئىزى بېسىش ھالقىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ئىلگىرى يۈز بەرگەن ساختا نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى ۋە ئاجرىشىش گۇۋاھنامىسىنى ياساش بىلەن باشقىلارنىڭ نامىنى سېتىپ تىزىملىتىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، يەنە تىزىملاش خادىملىرىنىڭ قىلمىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە بولىدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بارماق ئىزىنى بېسىش ھالقىسىنى قوشۇشنىڭ مەقسىتى بىر جەھەتتىن نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش خىزمەت جەريانىنى يەنىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇش، يەنە بىر جەھەتتىن بولسا تىزىملاتقۇچىلارنى «قوش كاپالەت» كە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
تىزىملاش خىزمەت جەريانىغا يېڭى ھالقا قوشۇشتىن سىرت يەنە، يېڭى بەلگىلىمىدە «نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش ئورۇنلىرىدا مەخسۇس توي خېتى كېسىش خادىمى بولۇشى كېرەك، نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش ئورۇنلىرىدا مەخسۇس توي خېتى كېسىش رايونى بولۇشى كېرەك، ئۇندىن سىرت يەنە كۈتۈش زالى، نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تىزىملاش ئىشخانىسى ۋە ئارخىپ ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار بولۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تىزىملاش ئىشخانىسى قۇرۇش ئارقىلىق نىكاھتىن ئاجراشقۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىنى يەنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، زىيادە چوڭ كۆلەمدىكى توي زىياپىتى بېرىشتەك ئەنئەنىۋى توي شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، داغدۇغىلىق توي خېتى تارقىتىش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش ئورۇنلىرى توي كىيىم-كېچىكى، توي فىلىم سۈرەتچىلىكى، توي مۇلازىمەت شىركىتى ۋە سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىگە جايلىشىشىغا، شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورۇنلارنىڭمۇ نىكاھ ئىشلىرىنى تىزىملاش ئورۇنلىرى ئىچىگە جايلىشىشىغا بولمايدۇ، توي خېتى كېسىش ئورنىدا نىكاھلىنىشنى تىزىملاتقۇچىلارنىڭ «توردا تىزىملىتىش ۋە مەسلىھەت سوراش لىنىيەسى» قۇرۇش ئارقىلىق، نىكاھلىنىشنى تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ماتېرىيال يېتەرسىز سەۋەبلىك ئارتۇق قاتراش مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلەنگەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved