لېيچېستىر غەلىبە قىلدى، بېنتىز تۇنجى مەيداندا مەغلۇب بولدى

ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى 15-مارت سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 4 تە، 2015-2016-مۇسابىقە پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 30-ئايلانما مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان كوماندا لېيچېستىر شەھىرى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا تېخى ئالدىنقى كۈنى مەشقاۋۇل ئالماشتۇرغان نيۇكاستېل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.

بۇ پەسىلدە لېيچېستىر كوماندىسىنىڭ بېرلەشمىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، 29 ئايلانمىدىكى ئېرىشكەن نومۇرى 60 بولۇپ 52 توپ كىرگۈزۈپ 31 توپ كەتكۈزۈپ، بىرلەشمىدە 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. توتتېنھام كوماندىسى 30 ئايلانما مۇسابىقىدە 58 نومۇرغا ئېرىشىپ، 53 توپ كىرگۈزۈپ، 24 توپ كەتكۈزۈپ، بىرلەشمە رەت-تەرتىپىدە 2-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. نيۇكاستېل كوماندىسى بولسا ئالدىنقى 28 ئايلانما مۇسابىقىدە ئاران 24 نومۇرغا ئېرىشىپ دەرىجە چۈشۈش دائىرىسىگە كىرىپ قالغان بولغاچقا ئىككى كۈن ئاۋۋال خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن يېقىندىلا ئايرىلغان بېنتىزنى مەشقاۋۇللۇققا تەكلىپ قىلىپ، كوماندىنىڭ ھازىرقى ناچار ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۇنجى قەدىمنى باستى. بۇ مەيدان مۇسابىقە لېيچېستىر كوماندىسىغا نىسبەتەن توتتېنھام كوماندىسى بىلەن بولغان نومۇر پەرقىنى چوڭايتىپ بالدۇرراق ئۇزغۇنلۇققا ئېرىشىشتىكى ياخشى پۇرسەت.

نىيۇكاستېل كوماندىسىغا نىسبەتەن نۆۋەتتىكى ھەربىر مەيدان مۇسابىقە نومۇر ئېلىپ دەرىجە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ. مەشقاۋۇل بېننىتىزغا نىسبەتەن نىيۇكاستېل كوماندىسىغا كوماندىسىغا مەشقاۋۇل بولغاندىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىگە قارىتا دۇچ كەلگەن بىر سىناقتۇر.

لېيچېستىر كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۈچلۈك ماھىرلارنى مەيدانغا چىقىرىپ، مۇسابىقە جەريانىدكى ھۇجۇمنىڭ ئۈنۈمىگە ۋە ئوتتۇرا مەيدان رايونىدا توپ كونترول قىلىپ ھۇجۇم تەشكىللەشكە كاپالەتلىك قىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 25 مىنۇت بولغاندا لېيچېستىر كوماندىسى ئالدى مەيداندا بىر ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. توپ باشلاندى ۋاردى توپنى ئۈسۈپ ۋاراتار ئالدىغا تاشلىدى، ياپونىيەلىك ماھىر ئوكازاكى توپنى موللاقچىلاپ تېپىپ ۋاراتارغا كىرگۈزدى، نەتىجە 1-0 . مۇسابىقە جىددىي كەيپىياتتا داۋاملاشتى، ھەرئىككىلا كوماندا ئەزالىرى پۈتۈن ماھارىتى ۋە كۈچ ماغدۇرىنى سەرپ قىلىپ مۇسابىقىلەشتى. تولىمۇ ئەپسۇس كېيىنكى مۇسابىقە جەريانىدا ئىككىلا كوماندا بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، توپ كىرگۈزەلمەي مۇسابىقە 1-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.  



خەتكۈچلەر:
15-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيتى ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ياشايدىغان ئىككى گېرمانىيەلىك توردا ئەنگىلىيەلىكلەرنى قۇچاقلاش ھەرىكىتىنى ق...
17-04-2016
ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش پائالىيتى ئېلىپ بارىدىغان ۋاقىتنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەنگىلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە ياشايدىغان ئىككى گېرمانىيەلىك توردا ئەنگىلىيەلىكلەرنى قۇچاقلاش ھەرىكىتىنى ق...
17-04-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاياللارنىڭ يەر يۈزى ئۇرۇشى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قاتنىشىشىغا يول قويۇشتىن ئىبارەت بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭى بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئارمىيەسى 15- ئاپ...
17-04-2016
مۇزىكىنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى ئىنسان ۋۇجۇدىغا ئوت تۇتاشتۇرغۇچى ئامىلدۇر. ئۇنىڭغا شېئىر قوشۇلسا، بۇ كۈينىڭ نېمە ئىكەنلىكى ئايان بولغۇسىدۇر!
17-04-2016
جۇڭگو يەر تەۋرەش پونكىتى تورىنىڭ ئۆلچىشىگە قارىغاندا، بۈگۈن ئەتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت يەتتىدىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېكۋاتورنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان پېدېرنالېس رايونىدا 7.5 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، يەر تەۋرەش مەن...
16-04-2016
چەتئەل تاراتقۇسى AppleInsider نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى PiperJaffray ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى «ياشلار تەكشۈرۈش دوكىلاتى» دىن قارىغاندا، ئالمىنىڭ Apple Watch ئامېرىكا ياشلىرى ئارىسىدا قارشى ئېلىنغان.  دوكلا...
16-04-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:  2016- يىلى 4- ئاينىڭ 13- كۈنى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنكاڭ شەھىرىدە، ئۆزى يۈك چۈشۈرىدىغان يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى يول يۈرۈش جەريانىدا كوزۇپىنى چۈشۈرۈۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغاچقا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ...
16-04-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 16-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، بۇتان تىمپۇ (Thimphu)، ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋىلىي...
16-04-2016
شىنخۇا تورىنىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى: سەئۇدى ئەرەبىستان دىپلوماتىيە ۋەزىرى ئادىل جۇبەيىر 14-ئاپرېل ئىپادە بىلدۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىب رازاققا 681 مىليون ئامېرىكا دول...
16-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى  2016-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى، مىسىر قاھىرە، شۇ كۈنى مىسىر پۇقرالىرى يىغىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقەبە قولتۇقىدىكى تىران ئارىلى بىلەن سانافىر ئارىلىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا «قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى»گە قارش...
Powered by Leglek