IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئالما تەرەپ Re/code پەن – تېخنىكا تورىغا يەتكۈزگەن باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە: iPhone6 بىلەن iPhone Plus نىڭ بىر كېچىلىك ئالدىن زاكاز قىلىنىش مىقدارى تارىخي يېڭى رېكورد ياراتقان.
بىراق ئالما تەرەپ ئالدىن زاكاز قىلىنىش تەپسىلىي سان - سىفىرلىرىنى ئاشكارىلىمىغان. پەقەت :"ئىستىمالچىلىرىمىزنىڭ iPhone6 ۋە iPhone Plus غا بولغان قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئىككى خىل مەھسۇلاتىمىزنىڭ بىر كىچىلىك زاكاز مىقدارى تارىختىكىدىن ئىشىپ كەتتى" دېگەن.
زەنجىرسىمان سېتىش نوقتىلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە iPhone Plus بىرقەدەر كەمچىل بولۇپ، iPhone6 نىڭ مال تەمىنلىنىش ئىنتايىن يىتەرلىك بولۇۋاتقان. بىر زامان ئىلگىرى ئامېرىكا تىجارەت نوقتىسى AT&T بايانات ئېلان قىلىپ، iPhone6 زاكاز قىلىنىش سانىنىڭ بۇلتۇر ئوخشاش مەزگىلدىكى iPhone5s ۋە بۇرناقى يىلى ئوخشاش مەزگىللىكiPhone5c نىڭ زاكاز قىلىنىش سانىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلان قىلغان.
T-Mobile نىڭ ئالدىن مال زاكاز قىلىش سېستىمىسى بولسا iPhone6/iPhone Plus زاكاز قىلىغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇپ، زىيارەت مىقدارى نورمىدىن ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن بىتچىت بولغان.
ئىگەللىنىشىچە، بازارغا سېلىنغان iPhone6 ۋە iPhone Plus نۆۋەتتە پۈتۈنلەي ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولغان.شۇ سەۋەبتىن زاكاز مالنى يەتكۈزۈش دەۋرىي ۋاقتى ئۈچتىن – تۆت ھەپتىگىچە بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved