Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشكەن بولۇپ، كارتون Hello Kitty نىڭ ئوبرازىغا ئوخشايدىغان قاتلىنىدىغان يانفوننى ئوتتۇرىغا چىقارغان. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتلىنىدىغان يانفونلار مودىدىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونيەدىكى بىر قىسىم كىشىلەر يەنىلا مۇشۇنداق لاھىيىلەنگەن يانفونلارنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىم OLA شىركىتى مەستانىلەر ئۈچۈن ئالاھىدە Hello Kitty يانفونىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.
مەلۇم بولىشىچە، تىپ نومۇرى Hello Kitty FIGURINE KT-01 بولغان بۇ خىل قاتلىنىدىغان يانفون مەخسۇس Hello Kitty مەستانىلىرى ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن. بۇ يانفوننى قاتلىغاندا ئۇ بىر مۇكەممەل Hello Kitty كارتون ئوبرازىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئەگەر زەن سالمىسىڭىز سىزمۇ بۇنى بىر كىچىك ئويۇنچۇق ئوخشايدۇ دەپ قالىسىز.
ئەپسۇسلىنارلىقى Hello Kitty يانفونى ئەقلىفون ئەمەس، پەقەت ئاددىي بىر ئىقتىدار يانفونى خالاس. ئۇنىڭغا 240 x 240 ئېنىقلىقتىكى 1.54 دىيوملۇق ئېكران سەپلەنگەن، تورنى قوللاش جەھەتتە WCDMA ، GSM، Wifi، ۋە كۆك چىشنى قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەلۋەتتە مەستانىلەر ئۈچۈن لاھىيىلەنگەن بولغاچقا ئىقتىدارلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved