جۇڭگو ئاخبارات تورى 22- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 21- مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى دونىتىسكى رايونلۇق ھەربىي تەرەپنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بۇسلىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئوكرائنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇچرىشىش لىنىيىسى بويىغا ھەربىي قىسىم ۋە قورال-ئەسلىھلەرنى يىغىۋاتىدۇ، بۇ كىيېۋ دائىرلىرىنىڭ قوراللىق ھۇجۇم قوزغاشقا تەييارلىق كۆرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئوكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۇچرىشىش لىنيىسىنى بويلاپ ئەسكەرلەرنى يىغىۋاتىدۇ. ياشىنىوۋاتا، ستارومىخايىلوفكا ۋە دوكۇكايۇۋوسكا قاتارلىق جايلارغا ھەربىي قىسىملار يىغىلىۋاتىدۇ.
بۇسلىن يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ كىيېۋ دائىرلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ يۆلىنىشلەردە ئارمىيىمىز دائىم ئىغۋاگەرلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىدى زور كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاش.
بۇسلىننىڭ ئېيتىشىچە، ئوكرائىنا ئارمىيەسى ئالدىنقى بىر كېچە-كۈندۈز ئىچىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 30 قېتىمدىن ئارتۇق خىلاپلىق قىلىپ، دونىتىسكى رايونىغا تەخمىنەن 100 پاي مىناميوت ئوقى ئاتقان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved