شىنخۇا تورى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى خەۋىرى (مۇخبىر لىن خوڭمېي، لەگلەك تورى تەرجىمىسى)
مۇخبىرنىڭ جۇڭگۇ ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ھاۋا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگەللىشىچە، مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدىن بېيجىڭ شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قوماندانلىق شىتابى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. مالايسىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ B777 تىپلىق ئايروپىلانى MAS370 قېتىملىق كۇئالالۇمپۇر دىن بېيجىڭغا ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، قوزغۇلۇش ۋاقتى 8-چېسلا 0 دىن 42 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى) ئۆتكەندە ئىدى. بۇ ئايروپىلان 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە خۇجىمىڭ باشقۇرۇش رايۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش ئورنى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان، ھەم رادار سىگنالى يوقاپ كەتكەن .
مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئايروپىلان ئىزچىل جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلاشمىغان ياكى جۇڭگۇ ھاۋا قوماندانلىق رايۇنىغا كىرمىگەن. مەزكۇر ئايروپىلاندا جەمئىي 239 ئادەم بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگۇلۇق يولۇچىلارنىڭ سانى 154 نەپەر، چەتئەللىك يولۇچىلارنىڭ سانى73 نەپەر، ئايروپىلان خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 12 نەپەر. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا بۇ ئايروپىلاندا بىر ئۇيغۇر بار ئىكەن،
ئىسمى مەمەتجان ئابلا (تېڭشۈن تورىدا ھەر بىر جۇڭگۇلۇق يولۇچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى ئېلان قىلىندى.) ئاللاھ بۇ ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved