رۇسىيە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلاننى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسكەر ۋە تانكىلارنى ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يۆتكەشنى پىلانلىدى.
« PAKTA » دەپ نام بېرىلگەن بۇ يېڭى ئۇقۇمدىكى ئايروپىلان ئەڭ تېز بولغاندا 2024-يىلى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچىدىكەن. بۇ قېتىمقى ئايروپىلان تۈرىنى روسىيە ھەربىي سانائەت بىرلەشمىسى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ۋولگا دنېپىر تېخنىكا بۆلىمىنىڭ دىرېكتورى ئۆزى لايىھەلىگەن. بۇ ئايروپىلان پۈتۈنلەي كەلگۇسى ئۇسلۇپتا لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئايروپىلان گەۋدىسىدە بىر قانچە يوغان تۆشۇك بار، ئايروپىلان قانىتىمۇ رەتسىز ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئايروپىلاننىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 2000 كېلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، توشۇشقا بولىدىغان يۈك ئېغىرلىقى 200 توننا، توختىماي ئۇچۇش ئارلىقى 4350 ئىنگلىزلىسى ( تەخمىنەن 7000 كىلومېتىر ) غا يېتىدىكەن.
بۇ لايىھەنى نۇرغۇنلىغان ئوبزورچىلار خام خىيال دەپ قاراشتى. چۈنكى ھازىرغا قەدەر ياسالغان باتارېيەلەر بىلەن پەقەت كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانلارنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدىكەن، بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باتارېيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئايروپىلاننى ھەرىكەتلەندۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved