«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە نىمىلەرنى بىلىسىز؟

بەزى دوستلىرىمىز «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن قانداق ۋە قاچان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ۋە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تازا ئوبدان بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇنى كۆزدە تۇتۇپ تور ئارلاپ بۇ ماتېرياللارنى يىغدىم. شۇڭا «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نى ئازراق چۈشىنىۋالساق زىيىنى يوق دەپ قارايمەن ، تېمىمىز سەل ئۇزۇنراق، لېكىن سىزنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.

ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ.

 


تېمىسى: ئورتاق مەدەنىيەت ئورتاق خۇشاللىق
题目:共同的文化 共同的欢乐
Subject: Same Culture Same Merriment
يىتەكچى ئىدىيە: «مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات»
主导思想:文化与发展
Guiding Cogitation: Culture and development

 


ئوتتۇرىغا قويغۇچى: تاھىر ئىمىن

 


ئۇيۇشتۇرغۇچى :شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ،شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتتۇتى ،شىنجاڭ مەدەنىيەت قوللىغۇچى ئورۇنلار : شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى، ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى قانۇنى مەسلىھەتچى :ياسىنجان تەلئەت
ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى قوللاپ مەدەت بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر: -ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى:
1-شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەت قوغداش ئشخانىسى 2-شىنجاڭ ئۇنىۋىرستىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى ئاز سانلىق مىللەتلەر فولكلور تەتقىقات مەركىزى 3-شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتى
جامائەت ئەربابلىرى: مىجىت ناسىر،ئىمىن تۇرسۇن،ئسلامجان شىرىف ،ئابدۇقادىر جالالىدىن .
تەتقىقاتچى خادىملار: ئابدۇكىرىم راخمان،ئابدۇبەسىر شۇكۇرى ،راھىلە داۋۇت (دوكتۇر،ئاسپىرانىت يىتەكچىسى)،ھەسەنجان ئابلىز (دوكتۇر)،قاتارلىقلار
كارخانىلار : شىنجاڭ دەرمان سودا چەكلىك شىركىتى،ئۇرۇمچى ئىزچىلار سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ فۇرقان بىئو-پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى.
يۇقارقى مەزمۇنلار گۇگىل تورىدىن ئىزدەپ تېپىلغان…

 


«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» ھەققىدە

 


2009-يىلى 5-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتكە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت-فولكلور تەتقىقاتچىلىرى (تەتقىقاتچى ھەم جامائەت ئەربابى –ئىمىن تۇرسۇن، ژۇرنالست ۋە ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئسلامجان شرىپ بەشكىرەمى ،دوكتۇر يىتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئابدۇبەسر شۈكۈرى ، يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات پىروففىسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى،دوكتۇر، دوتسنېت ھەسەنجان ئابلىز، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتچىسى ئالىم يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار )، فۇرقان شىركىتىنىڭ سابىق دېرىكتورى (مۇھەممەد ئەمىن)، دەرمان شېركىتى دېرىكتور ئابلاجان ۋە ئىزچىلار شېركىتى ۋەكىللىرى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى›› پىدائىيلىرى قاتنىشىپ، دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مىللىي ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيتى ۋە ئۇنى ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلى ، تەشۋىقات چارىلىرى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات ئشىخانىسى ۋە شنجاڭ ئۇنىۋىرسېتىتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدىكى مۇناسۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە تەتقىقاتچىلار يوليورۇق بەردى.
سۆھبەت «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى»نىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە تارىخىي قىممىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىنىپ،«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى» نى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى، دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت مىراسىغا ئىلتىماس قىلىش چارىسى ۋە دوپپا مەدەنىيتىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھمىيتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا قىزغىن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سۆھبەتتە يەنە «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى تەپسلىي ئۇسۇللار ۋە بۇ ھەقتە ئشلەنگەن خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسى تونۇشتۇرۇلدى.
«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» نىڭ تەشەببۇسچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى 2007-يىلىدىن بۇيانقى دوپپا مەدەنىيىتى، دوپپا قول-ھۈنەر سەنئىتىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىنىش ئەھۋالى، ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى غەيرى ماددى مەدەنىيەتلەرنى قوغداش تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ يېقىندىن بۇيان قوللىغان خىزمەتلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئەل ئارىسدىكى ئىجتىمائىي بايرام سۈپىتىدە«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى» تەسس قىلىش لايىھەسنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت، ئورتاق خوشاللىقى ئۈچۈن بىر ھەسسە قوشۇش ئۈمىدى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسلەتتى ۋە بۇنى قوللاپ كەلگەن رەھبەرلەر، تەتقىقاتچىلار، كارخانىچىلارغا سەمىمىي رەھمىتىنى بىلدۇردى.
سۆھبەتتە تەتقىقاتچى، جامائەت ئەربابى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى سۆز قىلىپ بۇ خىل يېڭىچە مەدەنىيەت ھادىسسنى مۇئەييەنلەشتۇردى ۋە ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان بۇ پائالىيەت ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ۋە يوليۇرۇقلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ۋە ياشلار ئارىسدا «دوپپا مەدەنىيىتى» ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ توغرا ھەم ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان شەخس ۋە ئورۇنلارغا ئاپىرىن ئېيتتى.
«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرى ژۇرنالىست ۋە مۇتەپەككۇر ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيتى»نى ئاممىۋىيلىققا ئىگە قىلىشنىڭ ئاساسلىرى ھەققىدە ئۆزىنىڭ «قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى»نىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى ئشلىگەن خىزمەتلىرى ئاساسىدا تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن تەتقىقاتچى ۋە پىروففىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى «دوپپا» دىن ئىبارەت بۇ بىر مۇكەممەل سېستىمىنىڭ باش-ئاخىرى ھەققىدە مەزمۇنلۇق پىكىرقىلىپ،«دوپپا مەدەنىيتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ، بارلىق مەدەنىيەت سۆيەر كىشنىڭ مەجبۇرىيتى، ئۇنى چوقۇم ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش، كەڭ ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشتۈرۈپ، جەمىئىيەت ئۈچۈن بىركىشلىك ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى، ئىقتىسادىي ئاساس، مەمۇرى يوليورۇق، تەشۋىقات ئەمەلىيتى ۋە ئىجراچى خىزمەتچىلەرنىڭ بىر تۇتاش ھەرىكەتلىنىشى زۆرۈر» دەپ كۆرسەتتى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قاتار كونكىرىت چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتېتى فىلولوگىيە ئنىستىتۇتىنىڭ پىروففىسورى ، تەتقىقاتچى، دوكتۇر يىتەكچىسسى ئابدۇبەسىرشۈكۈرى ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ھەرساھەنىڭ قەتئىي قوللىشى كېرەك بولغان خاسىيەتلىك چوڭ ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىشى ئىناقلىقى، تەرەققىياتى ،شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئشلىرى، مىللىي قول-ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن زور ئەھمىيتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، غەيرى ماددى مەدەنىيەت تۈرىگە ئىلتىماس قىلىش خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۆزكۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇيغۇر كىيم-كىچەك تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ھەسەنجان ئابلىز بۇ ھەقتە تىخىمۇ كونكىرىت ۋە ئنچىكە بولغان ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ ئشلىنىشى كېرەكلىكىنى، دوپپا مەدەنىيتىنڭ پەقەت بىز كۆرىۋاتقان ئاددىي شەكىل ۋە جىسملا ئەمەس نۇرغۇن مەدەنىيەت، سەنئەت، پەلسەپىۋىي مەنىلەرگە، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھميەتلەرگە تويۇنغان بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كىينكى تەتقىقات يۆنىلىشىدە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتىنىڭ سالمىقى ھەققىدە توختالدى.
تونۇلغان مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي مائارىپىنىڭ تىنماس تۆھپىكارى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ ھەقىقەتەن بۈيۈك مەدھىيەگە لايىق مەدەنىيەت تىپى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئاستا-ئاستا جەۋلان بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دوپپا مەدەنىيتى» دىن ئىبارەت مىللىي تاشقى كىملىكنىڭ ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۇردى.
ئادۋوكات ،دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنىڭ قانۇنى مەسلىھەتچىسى ياسىنجان تەلئەت«دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تەكىتلىدى ۋە بارلىق ئاممىۋىيلىققا ياتىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىي ئاساسىغا دائىر قانۇن ۋە سىياسەتلەر ھەققىدە سۆز قىلدى.
شۇ قېتىمقى چاي سۆھبىتىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەمەلىي قوللىغان شىنجاڭ فورقان بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتۇرى مۇھەممەت ئەمىن ئەپەندى دوپپا مەدەنىيتىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن شەخس ۋە كارخانىلارنىڭ ئەمەلى كۈچ بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شىنجاڭ دەرمان چەكلىك شىركىتىنىڭ لېدىرى ئابلاجان ئەپەندى «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»نى ئەل ئارىسدىكى بايرامدىن يەنە بىر دەرىجە كۆتۈرۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ«نان مەدەنىيىتى بايرىمى» نى تەستىقلىتىش جەريانىنى تونۇشتۇردى.
بىر قانچە داڭلىق تور بىكەت مەسئوللىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرىنىڭ باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بۇ مەدەنىيەت پائالىيتىنى پائال تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچى نشان ئېلانچىلىق چەكلىك شىركىتى ئېلان ۋە لايىھە ئشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەرجىمە باشقارمىسىدىن تۇرغۇن ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، شىنجاڭ مىللىي بىڭتۈەن سفەندىن زاكىرجان مىجىت سىددىق ، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسى 5-قانال ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىدىن ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى ، شىنجاڭ گۈلقەقە يىمەك-ئىچمەك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى مۇھەممەت رىشات ھاجى ئەپەندى، ئىزچىلار سودا شىركىتىدىن بەختىيار، شىنجاڭ سىرتىق باسمچىلىق شېركىتىدىن ئادىل ئالىم توغراق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-باشلانغۇچ مەكتەپتىن نۇرمۇھەممەت ئىمىن كۈنقۇت، ۋىيخۇلىياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىۋىدىن تۇرسۇنجان ئابلىمىت قاتارلىق ياش ۋە ئوتتۇرا ياش قوللىغۇچىلارمۇ قاتناشتى ۋە پىكىر بايان قىلدى.
مەزكۇر پائالىيەت جۇڭگو مەركىزى خەلق رادىئو ئستانسسنىڭ جۇڭگوغا نەزەر پىروگراممىسى ۋە شۇ چاغدىكى كۆپ قىسم ئۇيغۇرچە يىتەكچى تور بېكەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسغا تارقىلىپ، ئۇيغۇر تاشقى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئۇچۇردىن كۆپچىلىككە ئۈمىد ئىلىپ كەلدى. شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى باشتىن-ئاخىر ‹‹دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››نى ئۆز پىروگراممىلىرىدىكى مىللى ئەنئەنىگە بولغان يېقىنلىق ۋە ئۆزلىرى دوپپا كىيش بىلەن ،‹‹دوپپا مەدەنىيتى›› ھەققىدە مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلەش بىلەن قوللىدى.



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تورخۇمار
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى چېن شۈن 4-ئاينىڭ 29-كۈنى مۇخبىرلارنىڭ «نامرات رايونلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلاشقان ياكى ئويلاشمىغانلىقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب ...
30-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋۇخەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 4-يىللىقتىكى سىتۇدېنت قىز ۋاڭ شەن خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم تارقاتقان 2015 - يىللىق «جۇڭگو ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش چولپىنى» شەرەپ گۇۋاھنامىسىغا ئ...
30-04-2016
     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى غۇجائەھمەد، پاتىگۈل غۇجىئابلا خەۋىرى، فوتوسى: چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ «تەنھەرىكەت، ساغلاملىق _ مېنىڭ خۇشاللىقىم» تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك يەسلى بالىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 28-ئاپرېل ...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەلىك 1-قوش تىللىق بالىلار يەسىلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى يىلى»نى كۈتۈۋېلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان رەسىملەرنى سىزىپ، كۆرگەزمە تەشكى...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى سىچۈەندىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئىجتىمائىي تور ئالاقە تورىدا مەكتەپنىڭ بىر يۈرۈش سۈرىتنى چىقارغان، سۈرەتتە ئايلانما ئىشىك، چوڭ ياي شەكلىدا سېلىنغان ئوقۇتۇش بىناسى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدا سېلىنغان كوچا، بوئىن ئايروپىلانى قاتارلىق ...
29-04-2016
    مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلدىن باشلاپ مەجبۇرىي مائارىپتىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «ئەخلاق ۋە تۇرمۇش»، «ئىدىيىۋى ئەخلاق» قاتارلىق دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىسمىنى ...
29-04-2016
     ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدىكى لۇغەتلەرنى تەكشۈرۈش-بېكىتىش مۇتەخەسسىسلىرى سۆھبەت يىغىنى 29-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەت يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ...
29-04-2016
    كىشىلەر دائىم تەبئىي تالانتلىق كىشىلەر بىلەن ساراڭلارنى ئانچە چوڭ پەرقى يوق دەپ قارىشىدۇ. ئەمما يېقىندىن بۇيانقى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بۇ ئىككى خىل كىشىلەر توپىنىڭ پەرقى تېخىمۇ كىچىككەن. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك تېلېگ...
28-04-2016
     «كىچىك 211» ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئوتتۇرا غەربىي رايونلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدار قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلارنىڭ مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن 2012-يىلى تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتې...
28-04-2016
      4-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلى...
Powered by Leglek