Stefonknee Wolschttئىسىملىك بۇ كانادالىق ئەر ئىلگىرى ئايالى بىلەن 23 يىل ئۆي تۇتقان بولۇپ، ئۇ يەنە ئايالى بىلەن بىرلىكتە يەتتە بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغانىدى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى بەختلىك ئائىلىسى بولۇشى لازىم ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئىزچىل ھالدا يوشۇرۇپ كەلگەن بىر سىرى بار ئىدى. يەنە ئۇ ئۆزىنى ئەسلىدە بىر ئايال بولۇشۇم كېرەك دەپ ئويلاپ كەلگەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئويىنى ناھايىتى ئۇزۇن يىل يوشۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمەي ئايالىغا بۇ ئويىنى ئاشكارىلىغان.
ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇنىڭ ئايالى بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يولدىشىنىڭ ئوي-خىيالىنى رەت قىلغان ھەم ياكى بولمىسا جىنىس ئۆزگەرتمەسلىكىنى ياكى جىنىس ئۆزگەرتىش پىكرىدە چىڭ تۇرسا ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن Stefonknee Wolschtt مۇنداق دېگەن:‹ماڭا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا جىنىس ئۆزگەرتمە دېيىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، بۇ خۇددى مېنىڭ بويۇمنى ئۆسمەي توختاپ قالسۇن دېگەنلىك بىلەن ئوخشاش›، شۇنىڭ بىلەن Stefonknee Wolschtt ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان.
جىنىس ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن بۇ ئەر ئۆزىنى خۇددى ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالغان، ھەممە ئىشتىن تازا كۆڭلى سوۋۇپ، رايى يېنىپ تۇرغان مەزگىلدە، بۇ ئەر يەنە بىر قارار چىقارغان. يەنە ئۇ ئايال كىشى سالاھىيتىدە ياشاشنى، ھەتتا قۇرامىغا يەتكەن ئايال كىشى ئەمەس بەلكى كىچىك قىزچاق سالاھىيىتىدە ياشاشنى قارار قىلغان. بۇ ئىش تەرەققىي قىلىپ مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندە ھەقىقەتەن ناھايىتى غەلىتە ئىشقا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئارقىسىدا تېخىمۇ غەلىتە ئىش يۈز بەرگەن، يەنە ئويلىمىغان يەردىن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇنى كىچىك قىزچاق قاتارىدا بېقىۋالغان! ھازىر بۇ ‹كىچىك قىزچاق› بېقىۋالغان ‹ئاتا-ئانىسى› بىلەن بىللە ياشاپ كەلمەكتە.
ئەسلىدە ئۇنى بېقىۋالغان بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ يەتتە ياشلىق بىر قىزى بار بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن Stefonknee Wolschtt ئۆزىنى ‹سەككىز ياشلىق قىزچاق› دەپ پەرەز قىلىپ ياشاشقا باشلىغان. لېكىن بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ يەتتە ياشلىق قىزى بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭغا :‹مەن ئۆزۈمنىڭ بىر سىڭلىسى بولسا ئىكەن دەپ ئارزۇ قىلىمەن، شۇڭلاشقا مەن يېشىمنى توققۇز ياش دەپ قارىسام بولىدىكەن› دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان Stefonknee Wolschtt شۇ ئۆيدىكى يەتتە ياشلىق قىزغا:‹ھېچقىسى يوق، سىز يەنىلا يەتتە ياش پېتى تۇرۇۋىرىڭ، مەن يېشىمنى ئۆزگەرتىپ ئالتە ياش بولسام سىزگە سىڭىل بولالايمەن› دېگەن. شۇنىڭ بىلەن Stefonknee Wolschtt نىڭ بۇ ئائىلىدىكى سالاھىيىتى ئالتە ياشلىق قىز بولۇپ كەلگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن:‹مەن ئۆزۈمنىڭ ئايالىم بارلىقىنى ھەم بالىلىرىم بارلىقىنى ئىنكار قىلمايمەن، لېكىن مەن چوقۇم كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ياشىشىم لازىم، مەن بىر كىچىك قىزچاق بولۇپ ياشاپ باقسام دەيمەن›. ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بىراقلا چوڭ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى بارلىق كىشەنلىرىدىن بىراقلا قۇتۇلۇپ ئازادە بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت ئويۇن ئويناش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇلدا دورا يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، شۇنداقلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋىلىشنى ئويلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، پەقەت ئويناپ كۆڭۈل ئاچسىلا بولىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 14-ماي، ئەنگىلىيە لوندون، شۇ جايدىكى كىشىلەر قەدىمىي ۋېلىسىپىتلەرنى مىنىپ، كونىنى ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved