كۆپىنچە قىزلار ئورۇقلاش ئۈچۈن ئۆزىنى ئالدى بىلەن تاماقتىن تارتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە قىزلار ئۈچۈن تاماقنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئورۇقلاش خاتا تاللاش ھېسابلىنىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تاماق مىقدارىغا چەك قويۇش ئارقىلىق ئورۇقلاشنىڭ قىزلارغا بولغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن. تاماق مىقدارىغا ھەددىدىن زىيادە چەك قويۇۋالغاندا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن سىرت، بالىياتقۇ خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىكەن، يەنى بەدەن ئۇزاق ۋاقىت يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىشى تەدرىجى ئاجىزلايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ھەيز قالايمىقانلىشىش، تۇخۇمدان زەئىپلىشىش، بالىياتقۇ تارىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، بارا-بارا ھامىلدار بولۇش، تۇغۇت ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى ئەتراپىدا مۇۋاپىق دەرىجىدە ماي بولسا، بالىياتقۇ ئورنىنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئۇزاق مەزگىل تاماق مىقدارىغا چەك قويۇپ، ئورگانىزملارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەندە، بالىياتقۇ ئەتراپىدىكى ماي زور دەرىجىدە خوراپ، بالىياتقۇ ماتكا دىۋارىنى بويلاپ ساڭگىلاپ، ئېغىر بولغاندا بالياتقۇ سىرتىغا چىقىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن ياكى بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى پەيدا قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved