بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى . مەركىزى كومىتېت سىياسىي بىرۇسىنىڭ ئەزاسى مەركىزى كومىتېت شۇجىسىنىڭ شۇجىسى لىيۇ يۈن شەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئېلىمىزگە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى تارتقۇلار فوندى يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى .لىيۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى ؛‹رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى قۇرۇش تەشەببۇسى جۇڭگو بىلەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئاسىيا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ،جۇڭگو ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ،ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىر يول قۇرۇشىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ ،تارتقۇلار خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك ،يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى تارتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئىجادىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خادىملار بېرىش كېلىشىنى كۈچەيتىپ ،ئاخباراتتىن تەڭ پايدىلىنىپ ئالاقە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىت قىلىمەن ›.
روسىيە پاتېنت ئاگېنتلىقىنىڭ باش مۇھەررىرى مۇرات ئاففاگېي مۇنداق دېدى ؛‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرلىشى تەشەببۇسى تەرەپلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرىدۇ ،يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى تارتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى يول بويىدىكى دۆلەت \ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ ›.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved