سودا مىنىستىرلىقى تورى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى «بىرلەشمە گېزىت»نىڭ 1-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا شەرق ھەق تۆلەش لايىھەسىنى ھەل قىلغۇچى سودىگەر ئورۇن NetworkInternet يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ھەق تۆلەش ۋە توردا مال سېتىۋېلىش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، توردىن مال سېتىۋېلىش جەھەتتە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار ئىچىدىكى %34 ئامما ھەر ھەپتىدە 1~5 قېتىمغىچە توردىن مال سېتىۋالىدىكەن، %5 ئامما ھەر ھەپتىدە توردىن بەش قېتىمدىن كۆپ مال سېتىۋالىدىكەن. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %50 كىشى ئاددىي، ئۈنۈملۈك بولۇش سەۋەبىدىن، %46 كىشى بىخەتەرلىك كاپالىتى بولغانلىقتىن، %39 كىشى خالىغان جايدا، خالىغان چاغدا مەشغۇلات قىلغىلى بولغانلىقتىن توردىن مال سېتىۋېلىشنى تاللىغان. كۆپىنچىسى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىۋالىدىكەن، %15 كىشى توردا تېلېۋىزور، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى سېتىۋالىدىكەن، %10 كىشى يانفون ئارقىلىق توردىن مال سېتىۋالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved