27-يانۋار مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 2015-يىللىق مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى تەڭرىتاغ رايونى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىش ۋە رېمونت قىلىش ساھەسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىدە نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان 251 دۇكان، گۇۋاھنامىلىرى بولمىغان 328 دۇكان، دائىرە ھالقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان 188 دۇكان بولۇپ، جەمئىي 767 تىجارەت ئورنىنى تەكشۈرۈپ رەتكە سالغان، كىنىشكىسى يوق 328 دۇكاننى پېچەتلەپ، ‹‹تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشى ››دىن 188 پارچە تارقاتقان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاپتوموبىل سېتىش ۋە رېمونت قىلىش كەسپى تاشبۇلاق، يەنئەن يولى، بەيگە مەيدانى قاتارلىق رايونلارغا بىر قەدەر زىچ توپلاشقان. تۈزەش جەريانىدا فۇنكىسىيەلىك تارماقلار كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى بىردەك چەكلەپ، تىجارەت سورۇنلىرىنى پېچەتلىگەن؛ دائىرە ھالقىپ تىجارەت قىلىش قىلمىشلىرىغا ‹‹تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشى›› تارقىتىپ، تۈزىتىش ۋاقتى بەرگەن؛ تەكشۈرۈشتىن قاچقانلارنى مەھەللىلەر ياكى سودا-سانائەت تىزىملىكىدىكى ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئىزدىگەن، بۇنىڭدىمۇ ماسلاشمىغانلارغا تىجارەت سورۇنلىرىنى پېچەتلەش جازاسى بەرگەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved