كىچىكىدىنلا ئاشقازان ئاستى بېزى ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان ئامراق قىزى شياۋچىنىڭ سەنئەت ئىمتىھانى بەرگەندە مېڭىسىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئانا قىزىنىڭ ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە باشقا بىرسىنى تاپقان. ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈچى 3پەن ئىمتىھاننى بېرىپ بولغاندىن كېيىن 1000يۈەنلا ھەق ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن. بىراق ئىككىنچى پەن ئىمتىھاندا، بارماق ئىزى ئىسپاتى قايتا-قايتا مەغلۇب بولغانلىقتىن ئىمتىھان نازارەتچىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالغان. ئارقىدىن، ساقچى تەرەپ ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشكە چېتىشلىق بولغانلىقتىن شياۋچىنى قولغا ئالغان.
20-دېكابىر، نەنچوڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شۈنچىڭ رايونلۇق تارماق ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، شياۋچى ئانا-بالا ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن، نۆۋەتتە ئىككىيلەن سوراقنى كۈتۈپ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. بۇ ھەمدە «جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزىتىلگەن نۇسخىسى (9)» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان نەنچوڭ شەھىرىدىكى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىق قىلىش سەۋەبلىك تەكشۈرۈلگەن تۇنجى كىشىلەر ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved