پەن تېخنىكا ئىزدىنىش تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.تۇرمۇشتا پىخسىق كىشىلەر كۆپ پايدا ئېلىۋالغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما يېقىندا ئاۋسترالىيە گۋېنسلاند پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، بۇنداق كىشىلەردە روھىي بېسىم تېخىمۇ زور بولىدىكەن.تەتقىقاتچىلار كىشىلەرنىڭ پۇلغا ۋە قارار بەلگىلەشكە قارىتا پسىخىكا ئىنكاسىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئويۇن ئوينىغان چاغدىكى يۈرەك رېتىمى قاتارلىق فىزولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچلىرىنى ئۆلچىدى. قاتناشقۇچىلار ئىككى كىشى بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئايرىلدى، ھەر بىر گۇرۇپپىغا ئوخشاش مىقداردا پۇل بېرىلدى.
ئويۇندا ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى بىر كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە بۇ پۇلنى ئىككى ئۆلۈشكە بۆلىدۇ ، يەنە بىر كىشى ئۆزىگە بۆلۈنگەن پۇلنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى تاللايدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سودا قىلىش داۋامىدا قارشى تەرەپكە ئازراق پۇل بۆلۈپ بەرگەن كىشى ۋە پۇل ئازراق تېگىپ قالغان كىشىنىڭ يۈرەك رېتىمى ئۆرلىگەن.
«ئاممىۋى ئىلىم كۈتۈپخانىسى ژورنىلى» غا بېسىلغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى،نىسبەتەن بېخىلراق بولغان كىشى سەل سېخى سېخىي كىشىگە قارىغاندا بېسىمى كۆپرەك بولىدىكەن. باشقىلارغا ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلغاندا ئۆزنىڭمۇ كەيپىياتى ياخشى بولمايدىكەن، بۇ كەيپىيات ۋە فىزولوگىيەلىك بەدەل كىشىنى بىئارام قىلىدىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved