ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ج ك پ مەركىزى كومىتېتى گوۋۇيۈەن يېقىندا يېڭى ۋەزىيەتتە مەركىزى مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكرىنى تارقاتتى .پىكىردە جۇڭگوچە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي شارائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋىي ئائىلىسىنى قۇرۇش مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ پارتىيىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتە 25 پىكىر ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى .
مەقسەت يېڭى ۋەزىيەتتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ھەقىقى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت .
پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى :ئېلىمىزنىڭ بىرلىككە كەلگەن كۇپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر تونۇپ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرا يولىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ ،چوقۇم تۆۋەندىكى ئاساسى نۇقتىلارنى پۇختا ئىگىلەش لازىم . پارتىيە رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ،مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ھەم گۈللىنىش تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيۋى ئاساسىنى پۇختىلاشقا چىڭ تۇرۇش قانۇن بويىچە دۆلەت ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم .
نۆۋەتتە ئېلىمىز مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكى جۈملىدىن ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت بىلەن كىرزىسلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بۇلىشى ،ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋەزىيىتى بىلەن تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ،دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر جامائەت تىپىدىكى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاجىزلىقلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بۇلىشى ،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باردى كەلدى قىلىشى ،ئارىلاشتۇرۇش ئارلىىشىش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مىللىي زىددىيەت تالاش تارتىشلارنىڭ تەڭ مەۋجۇت بۇلىشى ،مىللىي بۆلگۈنچىلىك دىنىي ئەسەبىيلىك زوراۋانلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئۈنۈمىنىڭ روشەن بۇلىشى بىلەن قىسمەن رايونلاردىكى زوراۋانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ جانلىنىپ كۆپ يۈز بېرىشىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى قاتارلىقلارنى پۇختا ئىگىلەش لازىم .
يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش كېرەك .پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى : ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ،ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ ،غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستىراتېگىيىسىنى چوڭقۇر يولغا قۇيۇش ،ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ ،نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ،مائارىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسىپ قۇرۇلمىسى تەڭشەش ،ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش نۇقتىسى قىلىش ،بازار ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەر قايسى مىللەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىش ،ئالماشتۇرۇشىنىڭ مۇھىم يولى قىلىپ تەرەققىياتنى رايون خاراكتېرلىك ئورتاق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ،ئاممىنىڭ بەختىيارلىق تۇيغۇسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق ئۆتۈش ،بىر ياقىدىن باش چىقىرش ،ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .
پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى :چاڭلىشىش تىپىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ،ئۆز ئارا يول قۇيۇش ،ئۆز ئارا بەھر ئېلىش ،ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك .مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغارلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۇزاققىچە قانات يايدۇرۇپ ،سىردىشىشقا ھەرىكەتكە ئاساسىي قاتلامغا مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ،ئەمەلىي گەۋدىلەندۈرۈش ،ئاممىبابلاشتۇرۇش كېرەك .
دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان تىل يېزىق مائارىپىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئورتاق تىلدىكى دەرسلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەسىس قىلىش ،ئورتاق تىل يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش ،ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىل يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىگىلەش ۋە ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل يېزىقىدا تەربىيىلىنىش ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ،ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل يېزىق مائارىپ سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ،ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمەت قىلىدىغان كادىرلار ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى كېرەك
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى :جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ،ھەر مىللەت ئاممىسى ۋە كادىرلار ئاممىسىنى جۇڭگونىڭ ھەر مىللەت خەلق ئورتاق بەرپا قىلىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى تونۇشقا يېتەكلەش ،جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ھەر مىللەت خەلقى ئورتاق بەرپا قىلغان مەدەنىيەت ،جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئائىلىسى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق چوڭ ئائىلىسى ،ھەر مىللەت خەلقى ئىچ قۇيۇن تاش قۇيۇن بۇلۇپ كېتىش ،بىر بىرىگە زىچ باغلىنىش ،جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ شان شەرەپتىمۇ نۇمۇستىمۇ بىللە بۇلۇش قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك .پىكىردە يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى :
مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇننى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ مىللەتلەر خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن نىزام ماددىلىرىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك .
مىللەتلەر ئامىلغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ ،مىللەتلەر ئامىلغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى قانۇن دائىرىسى ئىچىدە قانۇن يولىدا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك .ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ ھەق تەلەپ ۋە جىنايى ئىشلىرىنى ،مىللىي مەسىلە دەپ يىغىنچاقلاپ قۇيۇشقا بولمايدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved