قىشتا نەپەس يولىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

قىش پەسلى كىرگەندىن كېيىن زۇكام، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق نەپەس يولى كېسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا، قىش پەسلىدە ئۆپكە، كاناي قاتارلىق نەپەس يوللىرىنى ئاسراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

  بەدەننى ئىسسىق ساقلاش نەپەس يولى كېسەللىرى، ئاساسەن، بەدەنگە سوغۇق ئۆتكەنلىكتىن بولىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا نېپىز كىيىنىش، پۇتى مۇزلاش، تەرلەپ كېلىپلا كىيىملەرنى سېلىۋېتىپ نېپىز كىيىنىۋېلىش، ئۇزاق ۋاقىت سىرتتا يۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئاسانلا نەپەس يولى كېسەللىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، قىش پەسلىدە تېمپېراتۇرىغا قاراپ قېلىن كىيىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

  مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش نۇرغۇن كىشىلەر قىش كىرگەندىن كېيىن ھاۋا سوغۇق، دەپ چېنىقمايدۇ، سىرتقا چىقماي ئۆيگە بېكىنىۋالىدۇ. بۇنداقلار ئۇزاق ۋاقىت ئۆيدىن چىقمىغاچقا، سىرتقا چىقسىلا ئاغرىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قىش پەسلىدە مۇۋاپىق كىيىنىپ مۇۋاپىق چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، ئاستا – ئاستا ئۆزگىرىۋاتقان تېمپېراتۇرىغا ماسلىشىپ، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

 

شۇڭا، كىشىلەر قىش پەسلى كىرگەندىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن يۈگۈرۈش، سەيلە قىلىش قاتارلىق ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەمما، زۇكام ۋە باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، بەك جۇدۇنلۇق، تۇمانلىق كۈنلەردە ۋاقتىنچە چېنىقىشنى توختاتسا بولىدۇ.

 

  يېمەكلىككە دىققەت قىلىش ئادەتتە، قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان ئاقسىل مىقدارى يۇقىرى، ياغ مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەمدە تەركىبىدە كالتسىي، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C كۆپ بولغان كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەرخىل نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 

  قايناق سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىش قىش پەسلىدە مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ، سۈت ئىچىپ بېرىشنىڭ ئۆپكىنى ئاسراشتا پايدىسى بار.

 

  خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش نەپەس يولى ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىدىغان بولغاچقا، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئەگەر كەيپىيات چۈشكۈن، روھى سۇلغۇن بولسا، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ، ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. ئەكسىچە خۇشال كەيپىيات ئادەم بەدىنىنىڭ باكتېرىيە، ۋىرۇسقا بولغان قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاغرىقنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈلۈش ئۆپكىنى كېڭەيتىپ، ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، ھارغىنلىقنى يوقىتىپ، ماغدۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش، تۇرمۇشتىكى ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارغا زىيادە چېچىلىۋەرمەسلىك كېرەك.

 

  تارقىلىشچان زۇكام تارقالغان مەزگىلدە سىرتقا كۆپ چىقماسلىق، چىققاندا زۆرۈر بولسا، ماسكا تاقىۋېلىش، ئەگەر نەپەس يولىدا كېسەللىك كۆرۈلسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالىنىش كېرەك.

 

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
14-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek