فىرانسىيە ئۇزاق تارىخقا ئىگە دۆلەت بولۇپ، كۆپلىگەن داڭلىق يادىكارلىقلار ۋە قەدىمىي ئىمارەتلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 40 يادىكارلىق ۋە قەدىمىي ئىمارەت ب د ت مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى كاتالوگىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ يادىكارلىقلار ۋە قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش فىرانسىيەلىكلەرنىڭ تاللىشىدۇر.
فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن ئىلگىرىكى فىرانسىيەلىكلەرنىڭ قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش ئېڭى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئىدى، فىرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىدىن كېيىن، داڭلىق يادىكارلىقلار دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنغانلىقتىن، فىرانسىيەلىكلەرنىڭ قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 1796 – يىلى فىرانسىيەدىكى تۇنجى ئىمارەت خارابىلىكى مۇزېيى قۇرۇلدى؛ 1810 – يىلى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يەنە تۇنجى قېتىم مىراسلارنى ئېنىقلاشنى يولغا قويدى، ئۇزاققا قالمايلا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش كومىتېتى قۇرۇلۇپ، قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە كۆپ خىل ئىلمىي تەتقىقات قانات يايدۇرۇلدى.
1913 – يىلى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى تاماملىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، فىرانسىيەدە قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداشتا تايىنىدىغان قانۇن بارلىققا كەلدى. 1945 – يىلىدىن كېيىن، فىرانسىيەنىڭ قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش خىزمىتى قانۇنغا تايىنىش ھالىتىدە قانات يايدۇرۇلۇشقا باشلىدى، بۇنىڭغا قاتنىشىدىغان كىشىلەر ۋە قوغدىلىدىغان ئوبيېكتنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.
فىرانسىيە ئاساسىي قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مىللەت ۋە دۆلەتكە مەنسۇپ بولۇپ، شەخسىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. فىرانسىيە قانۇنىدا قەدىمىي ئىمارەتلەرگە بېرىلگەن ئېنىقلىمىنىڭ دائىرىسى بىرقەدەر كەڭ ؛ ھەرقانداق پۇقرانىڭ مەلۇم بىر قۇرۇلۇشنى قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ تەستىقلىتىش ھوقۇقى بار.
شەخسىي قەدىمىي ئىمارەتكە قارىتا، فىرانسىيە قانۇنىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئىمارەتنىڭ ئىگىسى بەلگىلىك مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىمارەتنى قوغدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇناسىپ ھوقۇق – مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ. دۆلەت ئىمارەتنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىمارەت ئىگىسىدىن ئۇنى رېمونت قىلىپ بېزەشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئىمارەت ئىگىسى رېمونت قىلىپ بېزەشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئىمارەت ئىگىسىنىڭ رېمونت قىلىپ بېزەش ياكى ئۆزگەرتىپ سېلىش لايىھەسى دۆلەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. دۆلەت رېمونت قىلىپ بېزەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىناكار ۋە قۇرۇلۇش ئەترىتىنى قاتتىق تاللاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل قۇرۇلۇش جەريانىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت بەلگىلىك خىراجەتنى ئۈستىگە ئالسىمۇ، ئامال بار چىقىمنى تېجەشكە تىرىشىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ھەر يىلى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىش، بېزەشكە 2 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇقراق چىقىم قىلىدىكەن. قەدىمىي ئىمارەتلەرنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يەنە تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان. مەسىلەن: قىسمەن قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ساتقاندا، دۆلەت خەزىنىسىدىن تولۇقلىما بېرىش بىلەن بىللە، يەنە سېتىۋالغۇچى تەرەپتىن مۇناسىپ قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. سېتىشتىن باشقا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى يەنە يېقىنقى يىللاردا بەزى قەدىمىي ئىمارەتلەرنى سىرتقا ئېچىۋەتكەن .
قەدىمىي ئىمارەتلەردىن باشقا، فىرانسىيە باشقا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش جەھەتتىمۇ ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىشقا ئىنتايىن ماھىر. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014 – يىلى لوۋېر سارىيى كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 9 مىليون 300 مىڭ ئادەم/قېتىمغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ بارىدىغان جاي بولۇپ قالغان.
ئەلۋەتتە، ئىجتىمائىي بايلىقنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە تېخىمۇ ئاكتىپ مايىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشى ‹‹مىراس كۈنى›› تەسىس قىلغانلىقىدا. بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىدە ئىنسانىيەت تارىخى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چۈشىنىش، قىزغىن سۆيۈش، قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved