شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-نويابىر موڭغۇلىيە پارلامېنتى ھازىرقى زۇڭلى ئالتانخۇياگنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى
موڭغۇلىيە پارلامېنتى (دۆلەت خۇرالى) 5-نويابىر تۇيۇقسىز زۇڭلى ئالتانخۇياگنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى . رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ 5-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، موڭغۇلىيە پارلامېنتى شۇ كۈنى زۇڭلىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكلىپ لايىھەسى توغرىسىدا بېلەت تاشلاپ ، ئاۋاز بەرگەن . بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان 66 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدە 36 نەپىرى قوللاپ بېلەت تاشلىغان ، 30 نەپىرى قارشى بېلەت تاشلىغان ، ئاخىرىدا ئالتانخۇياڭنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارى ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن .
ئالتانخۇياگنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۆزى يېنىغا تارتقانلىقى ، شۇنداقلا ھوقۇق تۇتقان مەزگىللەردە موڭغۇلىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى سەۋەب بولغان .
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved