2016-يىلى 26-يانۋار، شېنجېن شەھەرلىك بازار ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى لوخۇ ئىدارىسى زور مىقداردىكى ساختا ئالتۇن نۇسخىدىكى يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلىنى قولغا چۈشۈردى، قولغا چۈشۈرۈلگەن ساختا پۇللارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى راست پۇلغا ئوخشايدىغان بولۇپ، يالغان گۇۋاھنامىدە يەنە «ئالتۇن تەركىبى %999» دەپ يېزىلغان.
چاغانغا يېقىنلىشىپ، شېنجېندىكى ئۈنچە-مەرۋايىت بازىرىدا توساتتىن «يېڭى سوۋغات تۈرى» پەيدا بولۇپ قالدى، كىشىلەر بۇ سوۋغات تۈرىنى «يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى سوۋغاتلىقى» دەپ ئاتىدى. 26-يانۋار چۈشتىن كېيىن، شەھەرلىك بازار ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى لوخۇ ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە خادىملىرى ئۇشتۇمتۇت تەكشۈرۈش ئارقىلىق لوخۇ رايونى بېيلى جەنۇبىي يولى 59-نومۇرلۇق لى پوفېي ئۈنچە-مەرۋايىت توپ تارقتىىش بازىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى ۋەنشەن ئۈنچە-مەرۋايىتلىرى، فۇ دۇوبار ئۈنچە-مەرۋايىتلىرى قاتارلىق تۆت دۇكاندىن زور مىقداردىكى «يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى سوۋغاتلىقى» نى قولغا چۈشۈردى. بۇ «يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى سوۋغاتلىقى» نىڭ يەنە «ئالاھىدە گۇۋاھنامىسى» بار بولۇپ، «مەزكۇر سوۋغات دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىكى، قېزىلما بايلىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن»، «ئالتۇن تەركىبى %999» دەپ يېزىلغان. دۇكاندارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تۈرلۈك سوۋغاتلىق بۇ يىلدىن باشلاپ مودا بولغان بولۇپ، ھەممەيلەن دېگۈدەك زاۋۇتتىن بىۋاستە مال كىرگۈزىدىغان بولۇپ، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر ۋارىقى 2 يۈەن ئىكەن.
بۇ سوۋغاتلىق قارىماققا كۆرۈنۈشى، چوڭ-كىچىكلىكى راست پۇلغا ئوخشاش بولۇپ، يەنە تېخى «ئالتۇن تەركىبى %999» دەپ يېزىلغان يالغان گۇۋاھنامىسىمۇ بار. بىراق، سىز بۇ پۇللارنى راستتىنلا ساپ ئالتۇندىن ياسالغان دەپ قارامسىز؟
ھازىر، شەھەرلىك بازار ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش كومىتېتى لوخۇ ئىدارىسى بۇ تۆت دۇكاننى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرمەكتە. ئىجرائىيە خادىملارنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشىچە، بۇ «يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى سوۋغاتلىقى» غا چۈشۈرۈلگەن گۇۋاھنامىلەرنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ، كۆرسىتىلگەن «تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش» ئورگانلىرى ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس ئىكەن. بۇندىن سىرت، «ئالاھىدە گۇۋاھنامە» دىكى «ئالتۇن تەركىبى %999» دېگەنلەر تامامەن ئىستېمالچىلارنى ئالداش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، دەسلەپكە قەدەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەزكۇر مەھسۇلات PU سۇلياۋدىن ياسالغان مەھسۇلات ئىكەن.
لوخۇ ئىدارىسى ئىجرائىيە خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،« بۇ (يۈز يۈەنلىك خەلق پۇلى سوۋغاتلىقى) نىڭ ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپ ۋە سېتىپ چىقارغۇچى تەرەپ «خەلق پۇلى تۈسىدىكى مەھسۇلاتلارنى دوراپ ياساش، سېتىش» جىنايىتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق پۇلى باشقۇرۇش نىزامى» غا خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ، قانۇنسىز ئېرىشكەن مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن بىرگە ئەسلىدىكى جەرىمانىدىن بىر ھەسسىدىن ئۈچ ھەسسىسىگىچە جەرىمانە ئېلىنىدۇ» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved