جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ ئالتۇن مىدال، تۆت كۈمۈش مىدال، ئىككى مىس مىدالغا ئىرىشىپ مىدال قاتارى بويىچە 12-ئورۇندا تۇردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سۇچى، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى. 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 23-كۈنى كەچتە روسىيەنىڭ سۇچىدىكى فىشت ئولىمپىك تەنتەربىيە
مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئاخىرلاشتى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باھ يېپىلىش مۇراسىمىدا سۇچى قىشلىق ئولىمپىكتەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مۇنداق باھا بەردى: بۇ مۇسابىقە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تەنھەرىكەت
مۇسابىقىسى بولدى! بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى باھا يوق
بۇ قېتىمقى قىشلىقئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىختا كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسسىس قىلىنغان تۈرلەر ئەڭ كۆپ بولغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولغان بولۇپ، ئۆتكەنكى 17 مۇسابىقە كۈنىدە 88ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 2856نەپەر تەنھەرىكەتچى يەتتە چوڭ تۈر، 15تارماق تۈر، 98كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، جەمئىي 11تۈردە مۇسابىقە رىكورتى يارىتىلدى.
ساھىپخان دۆلەت روسىيە 13ئالتۇن مىدال، 11كۈمۈش مىدال، توققۇز مىس مىدال بىلەن بىرىنچىئورۇندا، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ ئالتۇن مىدال، تۆت كۈمۈش مىدال، ئىككى مىس مىدال بىلەن 12-ئورۇندا تۇردى. جاڭ خوڭ ئاياللارنىڭ 1000مېتىرغا تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش تۈرىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ، جۇڭگونىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت
مۇسابىقسىنىڭ ئاساسلىق چوڭ تۈردە ئالتۇن مىدال ئالالماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بەردى.
تاشقى ساھادىكىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە، سۇچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چىقىمى 51مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىخىدىكى
ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. 23-نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۇرىيەنىڭ پيوڭچاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved