خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 14-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى نامبىيە چۆللۈكىدە نۇرغۇنلىغان ‹‹شەيتان چەمبىرىكى›› دەپ ئاتالغان سىرلىق ئىزلار بايقالدى. ئۇلار توختىماي پەيدا بولۇپ، ئاندىن يەنە سىرلىق ھالدا غايىپ بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسە دەپ پەرەز قىلىشقان، يەنە بەزى كىشىلەر تاشقى پېلانت كىشىلىرى زېمىنغا چۈشكەندە قالغان ئىزلار بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشتى. ھازىر بىر گۇرۇپپا ئالىملار بۇ ئىزلاغا قارىتا تەتقىقاتنى باشلاپ، بۇ غەلىتە چەمبەرلەرنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ سىرىنى ئاچماقچى بولغان.
ئىسپانىيەلىك 58 ياشلىق فوتوگراف توماس درېسلېر ھاۋا بوشلۇقىدىن بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى تارتىپ، بۇ نۇرۇغۇنلىغان ‹‹ئالۋاستى چەمبىرىكى›› ھادىسىسىنى نامايان قىلغان.
بۇ نۇرغۇنلىغان ‹‹شەيتان چەمبىرىكى›› ئانگولا ۋە جەنۇبىي ئافرىقا چېگرىسىدىكى چۆللۈككە تارقالغان بولۇپ، 2000 كىلومېتىر دائىرىگە سوزۇلغان. 2010-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا توماس بۇ جايغا ئۈچ قېتىم كېلىپ، ئىسسىق گاز شارى ۋە كىچىك تىپتىكى ئايروپىلانغان ئولتۇرۇپ نۇرغۇن سۈرەت تارتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: ‹‹مەن بۇ يەرگە دائىم كېلىمەن، ماڭا نىسبەتەن بۇ جاي دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ››.
‹‹شەيتان چەمبىرىكى››نىڭ دىيامېتىرى ئىككى مېتىردىن 12 مېتىرغىچە بولۇپ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە چۆللۈكتىكى پاكار ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ئىكەن. شۇ يەردىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئىلاھنىڭ ئىزى ئىكەنلىكىنى رىۋايەت قىشلىدىكەن، يەنە بەزىلەر يەر ئاستىدا ياشاۋاتقان غايەت زور ئەجدىھانىڭ ئوت پۈركۈگەندىكى ئىزى دېيىشىدىكەن. يەنە بەزىلەر ‹‹شەيتان چەمبىرىكى››نى نامەلۇم ئۇچار جىسىم قونغان چاغدىكى ئىز دېيىشىدىكەن، ئېھتىمال بۇ يەر يەنە نامبىيە بۆكىنى ئۇخلىغان جاي بولۇشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved