ئەڭ بۇشاڭ ئادەم پۇل تېپىشقا ماھىر بۇلىدۇ. بىراق،ئۇنىڭدا پاي سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى بىر قىسىم تىرىشچانلىق كەم بولسا بولمايدۇ.
مەسىلەن،كۆپ تەكشۈرۈش،كۆپ كۈزىتىش،ئۆزى ئۇزۇندىن بۇيان كۈزىتىپ كېلىۋاتقان بازارغا كىرگەن شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى،تېخنىكا،بازار ۋە بايلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلەرنى ئىنچىكلىك بىلەن تەكشۈرۈش لازىم.
پاي بازىرىدا ياخشى بىر پاينىڭ باھاسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بۇلىشى ناتايىن. پاي سېتىۋالماقچى بولغان كىشى پاي سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن سېتىۋالماقچى بولغان شۇ ياخشى پاينىڭ بارلىق ئەھۋاللىرىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن،سەۋرچانلىق بىلەن شۇ پاينىڭ چۈشۈشىنى ساقلىسا بۇلىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان پاي ئوينىغۇچىلار ئۆزلىرى ياخشى چۈشەنگەن ياخشى بىر پاينىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ساقلىغان. نەتىجىدە بۇ پاي 10 يۈەندىنمۇ تۆۋەن باھاغا چۈشۈپ قالغان.
ئۇلار مۇشۇ پۇرسەتتى پايدىلىنىپ بۇ پاينى سېتىۋېلىپ،كىيىن ئۆرلىگەندە ساتقان.شۇنىڭ بىلەن قۇلىدىكى ئىنتايىن ئاز مەبلەغ بىلەن كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن.بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى،ئۇلار بۇ پايغا ئېرەڭسىزلىك بىلەن مۇئامىلىدە بولۇپ،بۇ پاينىڭ چۈشىدىغىنىغا ئىشەنگەن ھەمدە كەلگۈسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك خاتىرجەملىكىنى ساقلاپ قالغان.
تاقەت قىلىش،ئىنچىكىلىك،ئىشەنچ،خاتىرجەملىك تويغۇلىرى ئۆزىگە تايىنىشتا كەم بولسا بولمايدۇ. بارفىت ئەپەندىنىڭ دائىم پاي بازىرى ۋەزىيىتى ياخشى بولمىغان چاغلاردا،ئۆزى ياخشى دەپ بىلگەن پاينى سېتىۋېلىپ،يالغۇز ھالدا ئوماخا بازىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈشى ئەمەلىيەتتە،پاي بازىرىدىكى بىر خىل داۋالغۇشتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى.
ئەمەلىيەتتە جوڭگو پاي بازىرى بارلىققا كەلگەن 20 نەچچە يىل مابەينىدە،نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار ياخشى بىر پايغا نىسبەتەن ئېرەڭسىزلىك پۇزىتسىيەسىدە بولغاچقا،ھەممە ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە نۇرغۇن پايدىنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان.
كونىلاردا‹‹كوزا كۈندە سۇنمايدۇ،كۈنىدە سۇنىدۇ››دېگەن سۆز بار. دېمەك بىر ئىشلارغا ھەددىدىن ئارتۇق زەن سېلىپ كەتسىمۇ،بەزىدە ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا پاي بازىرىغا نىسبەتەن ئېرەڭسىز پۇزىتسىيەدە بولغان بۇشاڭ ئادەملەركۆپ پۇل تاپالايدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved