بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
DNA.ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسى سىرغا چېتىلىدۇ ،بەلكىم يولدا كېتىپ بارغاچ تاشلىۋەتكەن تاماكا قالدۇقى ياكى سېغىز سىزنىڭ DNAئۇچۇرىڭىزنى ئاشكارىلاپ قۇيۇشى مۇمكىن .
بۇ ئاڭلىماققا ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق بىلىنىدۇ . يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت بىر يېڭىچە تۇمانلاشتۇرغۇچى كەشىپ قىلىپ ،ھەرقانداق نەرسە يۈزىدە قېلىپ قالغان DNAئىزىنى يوقىتىپ سىزنىڭ شەخسى سىرىڭىزنى قوغدىيالايمىز دېدى .
شەخسى سىرغۇ قوغدىلا ، لېكىن بۇ خاسىيەتلىك تۇمانلاشتۇرغۇچى جىنايەت ئۇنسۇرلىرىنىڭ جىنايەت ئىزىنى يوقىتىدىغان جىنايەت قورالى بۇلۇپ قالامدۇ قانداق ؟ بەزىدە سىز يۇشۇرۇن تۇرۇشنى خالاپ قالىسىز ،كەلگۈسى جانلىقلار گېنى دەپ ئاتالغان بۇ شىركەت يۇشۇرنۇش دەپ ئاتىلدىىغان تۇمانلاشتۇرغۇچنى كەشىپ قىلدى .
بۇ تۇمانلاشتۇرغۇچى بىر يۈرۈش ئىككى قۇتا بۇلۇپ ،ئىشلەتكۈچىنىڭ DNAشەخسى سىرىنى قوغدايدۇ . بۇنىڭ بىرىنچى قۇتىسى ئۆچۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ تازىلاش دورىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ يۈزىدىكى 99.95 % DNAئىزىنى تاللىيالايدۇ ، ئىككىنچى قۇتا ئورنىنى ئىگىلەش دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ رولى كۆز بوياش ، باشقا ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن DNAبەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ماددىسى بىلەن قالغان 0.05 5 ئىزنى ياپىدۇ . ئىگىلىنىشچە يۇشۇرنۇش ناملىق تۇمانلاشتۇرغۇچ بۇ يىل 6-ئايدىلا بازارغا سېلىنىدىكەن .
باھاسى بولسا 99 دوللار بولىدىكەن . بۇ شىركەت تور بېكىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە يۇشۇرۇن ناملىق تۇمانلاشتۇرغۇچ ئىشىك تۇتقۇچى كۇنۇپكا تاختىسى ياكى ئورۇندۇقلاردا قالغان DNAئىزىنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدىكەن .بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ DNAئىزىنى تالىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا DNAئەۋرىشكىسىدىن پايدىلىنىپ ،كۆز بوياپ ئۆزىنىڭ شەخسى سىرىنى قوغدايدۇ .
بۇ يەنى كېلىپ بۇ شىركەتنىڭ يۇشۇرۇن تۇمانلاشتۇرغۇچنى تەتقىق قىلىپ چىقىشتىكى مەقسىتى ئىكەن . بىراق نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تۇمانلاشتۇرغۇچ DNAنى راستىنلا ھەش پەش دېگۈچە يوقىتالىسا ،ئۇنداقتا جىنايەتچىلەر ئۇنى سېتىۋالسا جىنايەت پاكىتىنى ئاسانلا يوقتىۋېتەلەمدۇ قانداق دەپ گۇمان قىلىشتى .نۆۋەتتىكى تەبئىي تەكشۈرۈشتە ، ؟جىنايەتچىلەر قالدۇرغان DNAئىزى جىنايەتچىنى تېپىش ، جىنايەت پاكىتىغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك پاكىت ،كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ئەنسىرىشىگە قارىتا شىركەت تېخى ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى .
قىزىق يېرى كەلگۈسى جانلىقلار گېنى شىركىتىنى قۇرغان كىشى سەنئەتكار ئىكەن ، بۇلتۇر ئۇ ناتۇنۇشلار نەزەر دائىرسى ناملىق كۆرگەزمە ئېچىپ ، بىر يۈرۈش تاماكا قالدۇقى sechz,ھەمدە ئادەمنىڭ چېچى قاتارلىقلاردىن ئېرىشكەن DNAئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن سىزىلغان 3Dپورتېرىتىنى كۆرگەزمە قىلدى .
ئۇ مۇنداق دېدى : ‹ كۆڭۈلدىكىدەك بىر DNAئەۋرىشكىسى ئارقىلىق بۇ كىشىنىڭ جىنسى ئېرىقى ، چېچى ۋە كۆزىنىڭ رەڭگىنى ،بەزىدە بۇرنىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ،ئىككى كۆزىنىڭ ئارلىقىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ . بىراق ھازىرقى تېخنىكا سەۋەبىدىن ، ئاخىرقى تەپسىلاتى DNAئۇچۇرى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ ›.
شۇ چاغدا ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ئۇنىڭ بۇ پورتېرىتلارنى ياسىشىدىكى مەقسىتى DNAئىگىسىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش بولماستىن بەلكى بۇ كۆرگەزمە ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ خۇسۇسىي DNAمەخپىيەتلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتىش ،ھەمدە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى DNAتېخنىكىسىنىڭ بۇندىن كېيىن قالايمىقان ئىشلىتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىغا دىققەت قىلدۇرۇش ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ، ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved