شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 16 كۈندە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇقىچىلاپ تارتىشىشنىڭ تۆت تۈرىدە 1 - لىككە ئېرىشتى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 16 كۈندە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇقىچىلاپ تارتىشىشنىڭ تۆت تۈرىدە 1 - لىككە ئېرىشتى

جىڭ بو خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 10 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇقىچىلاپ تارتىشىش تۈرىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۆت تۈردە 1 - دەرىجىلىك، ئىككى تۈردە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  بۇ قېتىم شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇقىچىلاپ تارتىشىش مۇسابىقە تۈرىگە ئالتە ماھىرنى قاتناشتۇرغان بولۇپ، ھەممىسى بىردەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ھەم 55، 61، 68، 95 كىلوگىراملىقتىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بويىچە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 76، 85 كىلوگىراملىقتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 55، 95 كىلوگىراملىقتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجە بويىچە ئۇدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى.
  شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ 3 - تۈر بويىچە 1 - لىكنى قولغا كەلتۈرۈشى ئاسانغا چۈشمىدى. پولات بۆكىي مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يۈرەك ۋە قان ئايلىنىشى سەل ئاجىزلاپ، مەيداندا يېتىپ قالدى ۋە نەپىسى سىقىلىپ ھاسىراپ تۇرۇپ: بۇ مۇسابىقە ھاياتىمدا ئەڭ چارچىغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولدى، دەپ توۋلىدى.
  كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، پولات ئىلگىرى خۇبېي ماھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن خۇبېي ماھىرىنى ئاسانلا يېڭىۋالغانىدى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، بۇ ماھىرنىڭ كۈچى پەرھات بىلەن تەڭلىشىپ، بىر - بىرىنى يېڭىشى تەسكە چۈشتى. مۇسابىقىدە، ئىككى قېتىملىق نەتىجە تەڭلىشىپ قالغاندا، پەرھات ۋاز كېچىشنى ئويلىدى، بىراق يەنە: مەن چېمپىيونلۇقنى كۆزلەپ مۇسابىقىگە قاتناشتىم، ئۆزۈمنى قويۇۋەتسەم بولمايدۇ، دېگەننى ئويلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا 0 گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن قارشى تەرەپنى يېڭىپ، چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى.
بۇقىچىلاپ تارتىشىش مۇسابىقىسى بىر خىل ئۆمىلەپ تۇرۇپ ئارقان تارتىشىدىغان تەنتەربىيە تۈرى. مۇسابىقىلەشكەن ئىككى ماھىر مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرىدۇ، ئىككىسىنىڭ بوينىغا بىر يىپەك لاتا باغلىنىدۇ، ئاندىن ئىككىسى بىر - بىرىگە قارشى يۆنىلىشتە ئۆمىلەپ تارتىشىپ، قارشى تەرەپنى بەلگىلەنگەن رايوندىن تارتىپ ئۆتكەن ماھىر يېڭىدۇ. بۇقىچىلاپ تارتىشىش زاڭزۇلار رايونىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان، شۇڭا بۇ مۇسابىقە زاڭزۇچە ئارقان تارتىشىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ بۇقىچىلاپ تارتىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لۈ شىنگۈي مۇنداق دېدى: بۇ تۈر مۇسابىقىسى 2002 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى، 2003 - يىلى ۋە 2007 - يىلى شىنجاڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندا مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن. 2011 - يىلى شىنجاڭ كوماندىسىدا يېڭى كۈچلەر بارلىققا كېلىپ، تۆت تۈردە 1 - دەرىجىلىك ۋە بىر تۈردە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بۇقىچىلاپ تارتىشىش تۈرىدىكى كۈچلۈك كوماندا بولدى. لۈ شىنگۈي مۇنداق دېدى: بۇقىچىلاپ تارتىشىش تۈرىنىڭ مەيدان چەكلىمىسىگە ئۇچراش دەرىجىسى كىچىك بولۇپ، بۇ مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش ئاسان، بىراق بۇ تۈر قارىماققا ئاددىي، ئۆگىنىش ئاسان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنىش قىيىن. بۇقىچىلاپ تارتىشىشنىڭ جىسمانىي كۈچ، چىدامچانلىق، ئېتىلىش كۈچى ۋە تېخنىكىغا بولغان تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ.



17-08-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
06-02-2016
      2-ئاينىڭ 5-كۈنى، جىياڭسۇ سۇنىڭ كۇلۇبى 50 مىليون ياۋرو باھادا دونېسىك كان ئشىچىلىرى كۇلۇبىدىن برازىلىيەلىك تېشىرانى سېتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئۈچ نەپەر چەتئەللىك توپچى+ بىر نەپەر يەرلىك توپچى سېتى...
06-02-2016
   «رىم تەنتەربىيە گېزىتى»نى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىتالىيە زەردارى مىلان كوماندىسى بىلەن تايلاندلىق سودىگەر Bee Taechaubol ئوتتۇرىسىدىكى مىلان كۇلۇبىنىڭ پاي چېكىنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى سودا مەغلۇپ بولغان بولۇپ، مىل...
06-02-2016
       ئالدىنقى ھەپتە پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدو ئالاقە تورىغا ئۆزىنىڭ يۈز شەكلىنى ئۆزگەرتكەن سۈرىتى ۋە سىن كۆرۈنىشىنى يوللىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىكى بۇ يۇمشاق دېتال Snapchat نىڭ يېڭى ئىقت...
06-02-2016
      خېڭدا ۋە سۇنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۇقىرى باھادا چەتئەللىك توپچى سېتىۋالدى، باشقا كوماندىلارمۇ ئارقىدا قالمىدى، يۆتكىلىش بازىرىنى كۆپۈك خەۋەر قاپلىدى. تۈركىيە تاراتقۇسى بېيجىڭ گوئەن پات ئارىدا 8 مىلىيون ياۋرو باھادا ...
06-02-2016
        خېڭدا ئورگان تەرەپ جېكسون مارتىنىسنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى، «ئاس گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشچە، جېكسون مارتىنىس ئىلگىرى جۇڭگو بىرلەشمىسىگە كېلىشنى خالىمىغان. جېكسون مارتىس نېمە ئۈچۈن ئويىنى ئۆز...
06-02-2016
       ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى شاللاش باسقۇچىغا قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، گورۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تىزىملىككە ئوخشىمايدىغان يېرى، چېرشىۋ تىزىملىكتىن چىقىرۋىتى...
05-02-2016
        ئىنتىزام كومېتىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەت توپچىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرىنەرلىك ئادەم يارىلاندۇرۇش مەقسىتى بار بولۇپ قارشى تەرەپنىڭ ئېغىر يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالدا ئاندىن مەسئۇ...
05-02-2016
      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى: ئون كۈن داۋاملاشقان 2016-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئوغۇللار زال ئىچى بەش كىشىلىك پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 29-يانۋار چۈشتىن كېيىن خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەينەن ئ...
Powered by Leglek