دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورى خەۋەر قىلىدۇ: باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى تورىنىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ئۆزى ياسىغان تۇنجى چىسار-0 ئوتتۇرا بوشلۇقتىن مۇداپىئەلىنىدىغان ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغان.
تۈركىيەنىڭ مۇھىم قورال-ياراق ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى ROKETSAN بايانات ئېلان قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۇنجى قېتىم سىناق قىلىشنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرى، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە پىلانلاش مەھكىمىسى، ASELSAN ۋە ROKETSAN شىركەتلىرى بىرلىكتە تۈركىيە مەركىزىي ئاناتولىيا رايونى ئاقساراي بازىرىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا شاھىت بولدى.
تۈركىيە 2011-يىلدىن باشلاپ ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان، تۆۋەن، ئوتتۇرا ھاۋا بوشلۇقىدىن مۇداپىئەلىنىدىغان سىستېما تەمىنلەپ، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرىدۇ.
بۇ تۈردە، ASELSAN شىركىتى رادار، كونترول قىلىش ۋە ئوت كونترول سىستېمىسى تەتقىق قىلىپ ياسىدى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ROKETSAN شىركىتى تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ياساپ چىقتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved