يېقىندا، ئارخېئولوگىيە خادىملىرى ئۇدا ئىككى يىلدا خېنەن ئۆلكىسى يۈجوۋ شەھىرىدىكى دالۈ قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قازدى، ئات ھارۋا بىللە دەپنە قىلىنغان شاڭ دەۋرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەك قەبرىسى بىلەن غەربىي جوۋ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى بەگلەرنىڭ قەبرىسىنىڭ قېزىلىشى، بولۇپمۇ يېغىلىق دەۋرىدىكى قەبرە بىلەن چوڭ تىپتىكى ئات-ئارۋا ھەمدەپنە ئورىكىنىڭ بايقىلىشى يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى داڭلىق سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، چىن دۆلىتىنىڭ باش ۋەزىرى لۈ بۇۋېي جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقىنى ئىزدەشنى بىۋاسىتە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە قېزىپ چىقىرىلغان شاڭ دەۋرىدىكى قەبرە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قەبرىسى بولۇپ، ئارخېئولوگلار قەبرىنىڭ ئىچىنى تازىلىغان. بۇ قەبرە كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى جەھەتتە شاڭ دەۋرىدىكى قەبرىلەر ئىچىدە كەم كۆرۈلىدۇ. قەبرىدە تۆتەيلەننىڭ قالدۇق سۆڭەكلىرى، ئات-ھارۋا ئورىكىدە ھارۋىدىن بىرى، ھەمدەپنە ئادەمدىن بىرى، ئاتتىن ئىككىسى بار.
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved